باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭدا 250 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى
2008- 07- 15 09:39 تەڭرىتاغ تورى

       ئىگىلىنىشچە ، 2008–يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىكى شەھەر–بازارلاردا 251 مىڭ 500 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ ، بىر يىلدا 350 مىڭ ئادەمنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ % 72.4 ى ئورۇنلىنىپ بولغان . شەھەر–بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتى %3 بولۇپ ، ئۆتكەن يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن بولغان . دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ، ئىش تاپقانلارنىڭ سانى 90 مىڭغا يېتىپ ، ئالدىن پىلانلانغان نىشاننىڭ %90.9 ى ئورۇنلانغان .

       ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، ئىش ئورنىدىن قالغانلار ئىچىدە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 53 مىڭغا يېتىپ ، بىر يىلدا 60 مىڭ ئادەمنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنىڭ %88.3 ى ئورۇندالغان . دېھقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن رايون ئاتلاپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 949 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا يېتىپ ، يىللىق پىلاننىڭ %79.2 ئورۇندالغان ھەمدە ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 443 مىڭ 800 ئادەم كۆپ بولغان .

       ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇل تارقىتىپ ، ئىش تېپىشى قېيىن بولغان كىشىلەرنىڭ ئىش تېپىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى . ئىشقا ئورۇنلىشىش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتتى .    

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ