|
5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرى ‹‹قىزىلگۈل يۇرتى›› كېرىيە ناھىيىسى ئارال يېزىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلى، چۈنكى كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلاردا قىزىلگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ، جاھان تولىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.
5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سەھەردە، تاڭ ئەمدىلا يورۇشىغا مەن ئارال يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىگە كەلدىم، ئېتىزلاردىن خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى كېلىپ تۇراتتى، قىزىلگۈللەرنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان ئوتقاشتەك قىزىل رەڭگى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى؛ بۇ چاغ قىزىلگۈل ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولغاچقا، ئېتىزلارغا ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىكلەر توشۇپ كەتكەن ئىدى.
ئارال يېزىسىنىڭ قىزىلگۈل تېرىش تارىخى ئۇزۇن، ماس كەڭلىك ۋە سۇ – تۇپراق، قۇياش نۇرى قاتارلىق ياخشى تەبىئىي شارائىتى بولغاچقا، بۇ يەردىن كۆپ چىقىدىغان دەمەشىق قىزىلگۈلى ئۆزگىچە رەڭ ۋە پۇراققا، دورىلىق ۋە ساقلىقنى ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلگۈللەرنى سەرخىل پىششىقلاشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قىزىلگۈللەر بازىرى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلدى، ئېھتىياج مىقدارىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. قىزىلگۈللەرنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئارال يېزىسى ‹‹قىزىلگۈللەر كەسپىنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زورايتىش›› ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەينى – كەينىدىن ‹‹قىزىلگۈللەر پەن – تېخنىكا ئۈلگە رايونى››، ‹‹يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئۈلگە بازىسى›› قاتارلىق تېرىقچىلىق ئۈلگە نۇقتىلىرىنى قۇردى ھەم نۇقتا ئارقىلىق باشقا جايلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پەن – تېخنىكىنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىلمىي باشقۇرۇشنى يولغا قۇيۇپ، خاس كەسىپنى زورايتىشقا، كۈچەيتىشكە تىرىشتى. بۇ يېزا يەنە قىزىلگۈل تېرىش كەسپىي جەمئىيىتى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن لىنىيىلىك مۇلازىمەت قىلدى. 2007 – يىلى 5 – ئايدا، ئارال يېزىسىنىڭ بەشتوغراق كەنتىدە كېرىيە قىزىلگۈل مېيى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رەسمىي قۇرۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ خوتەن ‹‹قۇياش نۇرى قۇملۇقى›› چەكلىك شىركىتىنىڭ 2000 كىلوگرام قىزىلگۈل مېيى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. زاۋۇت رايونىدا 70 كۋادرات مېتىرلىق ‹‹قىزىلگۈل يېتىشتۈرۈش مەركىزى›› بار بولۇپ، دېھقانلارنىڭ قىزىلگۈل تېرىش، قىزىلگۈللەرنى ئۈزۈشىگە مەخسۇس تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلەتكەن يېرىگە دېھقانلار مەبلەغ سېلىپ پاي قوشقان بولۇپ، ئۇلار كارخانىنىڭ پايدىسىنى بۆلۈشۈشكە قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە قوش كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بۇ يىل، ئارال يېزىسىدىكى قىزىلگۈلنىڭ كۆلىمى 8200 موغا، قىزىلگۈل تېرىيدىغان دېھقان ئائىلىسى 1043 كە يەتتى، ھازىرقى قىزىلگۈل سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە مۆلچەرلىگەندە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 5896 يۈەنگە يېتىدۇ، قىزىلگۈل كەسپى بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى تايانچ كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
ئىگىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتىدە ھازىر بەلگىلەنگەن قىزىلگۈل تېرىش كۆلىمى 35 مىڭ مو بولۇپ، يېڭى قىزىلگۈل ھوسۇلى 10 مىڭ 500 توننا ئەتراپىدا ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ قىزىلگۈللەرگە بولغان ئېھتىياجى ۋە كەسپ زەنجىرىنىڭ ئۇزىرىشى، ‹‹شىركەت + جەمئىيەت +دېھقان›› دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسى ۋە ‹‹زاكازلىق يېزا ئىگىلىك››نىڭ دېھقانلارغا ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەت كاپالىتىگە ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتى قىزىلگۈلدىن ئىبارەت بۇ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېزدىن تاۋار ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى باي بولۇش يولىغا باشلايدۇ.
|