|
دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكى ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سېلىپ، شەھەرلەردىكى ئۆي قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا مەركەزنىڭ 2 مىليارد يۈەنلىك ياردەم مەبلىغى پىلانى چۈشۈردى.
ئىككى تارماقنىڭ مەزكۇر پىلاننى چۈشۈرگەنلىك توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلار قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، شەھەرلەردىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا شەرتى توشىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقىنى ئالدىن ھەل قىلىشى كېرەك.
|