|
ئالتۇن بېزەكلەرنىڭ باھاسىغا سىمكار، تېخنىكا ھەققى، لايىھىلەش ھەققى قاتارلىقلار قوشۇلغان بولىدۇ، ئەگەر ئالتۇن بېزىكىڭىزنى ساتماقچى بولسىڭىز، مۇشۇ ھەقلەرنى چىقىرىۋېتىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئالتۇن بېزەكلەر كۆڭۈلدىكىدەك مەبلەغ ئوبيېكتى بولالمايدۇ.
مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قەغەز ئالتۇن، چوكا ئالتۇن ۋە ساپ ئالتۇنلار ياخشى مەبلەغ بولالايدۇ.
ئالتۇن ئېلىپ – سېتىش بىلەن ساقلاشنى ئارىلاشتۇرۇۋالماڭ. ھەر قانداق بىر خىل ئالتۇننىڭ مەبلەغ قىلىپ سېلىشقا ئەرزىيدىغان – ئەرزىمەيدىغانلىقىنى شۇ خىل ئالتۇنغا باھا بېكىتىش سىستېمىسى، ئېلىم – سېتىم ئۇسۇلى، ھەرىكەتچانلىقى، سودا ھەققى، پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى قاتارلىق تەرەپلەردىن تەكشۈرۈش كېرەك. يېڭى يىللىق خاتىرە چوكا ئالتۇن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، ئۇنىڭ سانى چەكلىك بولغاچقا ۋە خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، قىممىتىنىڭ ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكىمۇ يۇقىرى. بىراق ئۇنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرۇشتا تۆلەيدىغان رەسمىيەت ھەققى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يېڭى يىللىق خاتىرە چوكا ئالتۇن يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا ماس كېلىدۇ.
شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسىدىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسىنى ھۆكۈمەت بېكىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باج ئېلىنمايدۇ، ساپلىقى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، قانداق بىرتەرەپ قىلىشمۇ ئىختىيارىڭىزدا، بىرژا ياندۇرۇۋالمايدۇ. سودا تارماقلىرى تارقاتقان خاتىرە چوكا ئالتۇن، تىللاغا شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسىدىكى ئالتۇن باھاسى ئاساس قىلىنغان ھالدا، ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق باھا قويۇلىدۇ، بۇنىڭغا قوشۇلما قىممەت بېجى ھەم پىششىقلاش ھەققىنى قوشقاندا، تەننەرخى ئېشىپ كېتىدۇ، بەزى تارماقلار يەنە ئۇنى ياندۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا، شاڭخەي ئالتۇن بىرژىسىدىكى ئالتۇن ئادەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېتىۋېلىشىغا ماس كېلىدۇ.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|