|
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى 11 – ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئولىمپىك بىلەن بىللە›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرەك قىلىندى.
دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ‹‹شەرق شامىلى›› دىن پايدىلىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، مەملىكەت مىقياسىدا ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئولىمپىك بىلەن بىللە›› ئاساسىي تېمىسىدىكى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئاممىنىڭ جىسمانىي ساپاسى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئۆستۈرۈش، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئاممىنىڭ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئولىمپىك بىلەن بىللە›› پائالىيىتى ۋە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرەك قىلىش، جايلارنى ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئو ت م ھارپىسىدا پايتەختتە مەخسۇس ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئولىمپىك بىلەن بىللە›› ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغانىدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ‹‹مەرگەنلەر يۇرتى›› –– چاپچال ناھىيىسى، ‹‹دولان مۇقامى يۇرتى، دولان ئەلنەغمە يۇرتى، ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە يۇرتى›› –– مەكىت ناھىيىسىنىڭ يانتاق يېزىسى، ‹‹شىنجاڭدىكى پۇتبولچىلار يۇرتى›› –– ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئوقيا ئېتىش، نەۋرۇز بايرىمىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ۋە ياشلار – ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقى قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئاممىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى كۆرەك قىلدى، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
|