|
قۇرغاقچىلىقنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا كەلتۈرگەن قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا ئارقا – ئارقىدىن سۇ مەنبەسى ئاچتى، ھازىر 50 جايدا سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ مەنبەسى ئېچىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
قارامايلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئالتاي باشقۇرۇش پونكىتىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلار يازدا ئاساسلىقى بۇلاق سۈيى ۋە يامغۇر سۈيىگە تايىنىپ ياشايدىكەن، بىراق بۇ يىل مۇھاپىزەت رايونىدىكى يېغىن مىقدارى ئاز بولغاچقا، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىنلاشقان. ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۇ مەنبەسىنى ئىزدەش تۈپەيلىدىن تاشيولغا يېقىنلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقۇرۇش پونكىتىدىكىلەر سۈنئىي سۇ مەنبەسى ئېچىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ‹‹قاتناش ۋەقەسى››گە ئۇچرىشىدىن ساقلانغان.
مۇھاپىزەت رايونىدىكى شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي سۇ مەنبەسىنىڭ ئېچىلىشى مۇھاپىزەت رايونىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ‹‹پرژىۋالسكى ياۋا ئېتى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تومۇز ئىسسىقتىمۇ ياشاش ئەھۋالىنى ياخشىلىغان.
شىنجاڭ قارامايلى تۇياقلىق ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ، بۇ يەردە قۇلان، ‹‹پرژىۋالسكى ياۋا ئېتى››، ئارقار، جەرەن قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ.
|