|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نىڭ باش ئاخبارات مەركىزى، خەلقئارا رادىئو مەركىزى ۋە 2008 – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىنى تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىق›› تىن ئىبارەت ئولىمپىك روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹يېشىل ئولىمپىك، پەن – تېخنىكىلىق ئولىمپىك، خەلقچىل ئولىمپىك›› ئىدىيىسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئورتاق دۇنيادا، ئورتاق ئارزۇ››دىن ئىبارەت بېيجىڭ ئو ت م شوئارىنى كۈچەپ ياڭرىتىپ، بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيىلىك، خاسلىققا ئىگە ئو ت م نى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا خەلقى بىلەن بولغان چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، لى چاڭچۈن 2008 – يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىگە كېلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى، مۇخبىرلار خىزمەت بۆلۈمى، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالى قاتارلىق ئورۇنلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزام ۋە خەلقئارادا ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىغان قائىدىلەرگە ئاساسەن، ھەرقايسى دۆلەت مۇخبىرلىرىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاخبارات ئېلان قىلىشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، كوللېكتىپ زىيارەت قىلىشنى پائال تەشكىللەپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە قۇلايلىق يارىتىپ، دۇنياغا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، سىياسىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، گۈللەنگەن مەدەنىيىتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق ئىكەنلىكىدەك ياخشى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ياخشى ساھىبخانا بولۇش، ئو ت م نى ياخشى ئۆتكۈزۈشتەك ياخشى قىياپىتىنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.
لى چاڭچۈن ئو ت م باش ئاخبارات مەركىزىگە كېلىپ مۇنداق دېدى: باش ئاخبارات مەركىزى ئولىمپىك ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، مۇلازىمەت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىش، خەۋەر قىلىشىغا تىرىشىپ قۇلايلىق يارىتىش، شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. توغرا ئۇچۇرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېيجىڭ ئو ت م غا بولغان قوللىشى ۋە قاتنىشىشنى ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈش، ھە قايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت مەيدانىدىكى ئەلا نەتىجىسى ۋە ئېلىشىش روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈش، دۇنيا خەلقىنىڭ ئولىمپىك بايرىقى ئاستىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتەك تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت ئىچى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر قىلىشتىكى ئىجادىيلىق، دەسلەپ خەۋەر قىلىش، پۇت تىرەپ تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە، دوستلۇق ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك خەۋىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىنتېرنېت تورى قاتارلىق يېڭىچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئولىمپىك ۋەزىيىتىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش كېرەك.
|