باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
نۇر بەكرى ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى يىغىنىدا، ئو ت م مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
2008- 07- 14 17:53 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 11 – ئىيۇل ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بايقالغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چوقۇم 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق تۈگىتىش شەرت، مۇددەت ئىچىدە خەۋپنى تۈگەتمىگەن ياكى خەۋىپنى تۈگىتىشى لاياقەتلىك بولمىغانلارغا قاتتىق چارە كۆرۈش، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش كېرەك. خەۋىپنى تۈگىتىشتىن ئۈمىد يوق ئورۇنلارغا تاقاش، توختىتىش قاتارلىق قاتتىق تەدبىرنى قوللىنىش كېرەك. ئو ت م مەزگىلىدە يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتمىگەنلىك تۈپەيلىدىن ۋەقە سادىر بولغان ئورۇن ياكى ۋەقە سادىر قىلغان جاۋابكارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرىنىڭ سانى، قازا قىلغانلار سانى، يارىلانغانلار سانى ۋە  بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2، %15.37، % 15.48 ۋە  %19.57 تۆۋەنلىدى.

   نۇر بەكرى يىغىندا مۇنداق دېدى: ھازىر ئو ت م نىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، بۇ مەزگىلدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ مۇھىم ھەم تەخىرسىز سىياسىي ۋەزىپىمىز. بۇ بىزدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە ھەرگىز بىخەستەلىك قىلماسلىقىمىزنى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە چوڭ، زور ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتى ۋە بېيجىڭ ئو ت م نىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

   ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر كۆمۈر، توك بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇۋاتىدۇ، كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل كۆپەيدى. چوقۇم بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر كېنىدىن باشقا كانلار، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار، پوجاڭزا، ساليوت، يېمەكلىك، دورا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، مېتاللۇرگىيە قاتارلىق ساھە ۋە كەسىپلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش، تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چوڭ ۋەقە يۈز بېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ