باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2008 –يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا
2008- 07- 14 17:21 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشچە،  2008 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 0 – تۈركۈمىگە تور ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشتى. 7 – ئاينىڭ 11 – كۈنى  تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رەسمىي باشلاندى. بۇ كۈنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانى ئاتا – ئانىلار ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا نازارەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، پاش قىلىش تېلېفونى: 8758128 –  0991  ۋە سۈرۈشتۈرۈش تېلېفونى:   8751822 – 0991، 8758182 – 0991 نى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىلىرى، رايون ئىچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مەسلىھەت سورىغۇچى ۋە سۈرۈشتۈرگۈچىلەرنى كۈتۈۋېلىش تارماق پونكىتلىرىنى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا – ئانىلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن.

   ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار،  ئاتا – ئانىلار ۋەكىللىرى 11 – ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى.

   ئىگىلىنىشىچە، تولۇق كۇرس 0 – تۈركۈمدە جەمئىي 3666 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە 305 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، تەبىئىي پەن تۈرىگە  1108 ئوقۇغۇچى ، تەنتەربىيە تۈرىگە 468 ئوقۇغۇچى، سەنئەت تۈرىگە 1294 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.  ھەقسىز پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە 491 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان . بۇ يىللىق 0 – تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ  ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى تولۇق، ئىمتىھان نومۇرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشقان.

   تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمدە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ 460 بولۇپ،16مىڭ498 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ 187 بولۇپ، 3702 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە شىنجاڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ 293 بولۇپ، 12 مىڭ 796 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ