|
ئابدۇۋاھىت ئىسھاق
يېقىندا بىر تونۇشۇمنى بىرسى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنۋان ئالماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېرىشىنى سوراپتۇ. تونۇشۇم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئىشلىگەنلىكىنى، تەبىئىي پەندىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىكەن، ئۇ كىشى خاپا بولۇپ قاپتۇ. قىسقىسى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنۋان ئېلىش ئۇچۇن باشقىلارغا ماقالە يازدۇرۇش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ، يامان سۈپەتلىك ‹‹ئۆسمە››گە ئايلىنىپ قالدى.
ئۇنۋان ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق بىلىم قۇۋۋىتىمىز ۋە خىزمەت قىلغان يىل تارىخىمىزنىڭ مەلۇم چەككە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان، مەلۇم ئىقتىدارنى ھازىرلىغانلىقىمىز ئۈچۈن بېرىلىدىغان ئىسپات. بۇ ئىسپات كىشىلەرنىڭ مائاشى ۋە باشقا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەنپەئەتلىرىگە چېتىلغاچقا، ئۇنۋاننىڭ ئىجتىمائىي رولى بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئۇنۋان ئېلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ئۇنۋان ساختىلىقىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنۋاننىڭ ئوبرازىغا ئىنتايىن پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھەر قېتىم ئۇنۋان باھالاشتىن ئىلگىرى ئىلمىي ماقالە يېزىش ۋە ئېلان قىلدۇرۇش ئۇچۇن بەزىلەرنىڭ ناتوغرا يوللاردا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنۋان ئېلىش ئۇچۇن مۇئەييەن ئىقتىدار ھازىرلىنىشى كېرەك، ئىقتىدار ئۇنۋان ئېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئۇنۋان ئېلىشنىڭ ئاساسى.
ھازىرقى ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىلىملىكلەر، ئىقتىدارلىقلار ئەتىۋارلىنىپ، يۇقىرى مائاش ۋە باشقا ئىمتىيازلار بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلمەكتە. بۇ، جەمئىيىتىمىزدە بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پارتىيىنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدىمۇ ئىختىساسلىقلار دۆلىتى قۇرۇش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھازىر قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولسا، شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، گۈللىنىۋاتىدۇ. دۆلەتلىك پىلان – تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ما كەي:‹‹جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، يادرولۇق تېخنىكىلىرى كەمچىل، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاز، داڭلىق ماركىلىرى كەمچىل بولغاچقا، كۆپرەك ئەمگەك كۈچىنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ پايدىسى ئاز، تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان <دۇنيا زاۋۇتى>غا ئايلىنىشقا مەجبۇر بولدۇق›› دېگەنىدى. شۇڭا دۆلىتىمىز يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئىقتىدار ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىدار بىر كىشىنىڭ بىلىمىنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. شۇڭا ئۇنۋان ئېلىشتا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازالمىغان ئادەمدە ئۇنۋان ئېلىشقا تېگىشلىك ئىقتىدار ھازىرلانمىدى، دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ.
بىراق شۇنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇكى، ئۇنۋان يەنە ئوقۇش تارىخىنى ئالدىنقى شەرت قىلغاچقا، بىر قىسىم ئوقۇش تارىخى تۆۋەن، لېكىن ئىقتىدارلىق كىشىلەر پەگادا قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىر قىسىم كەسىپلەر تۈزۈلمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزگىچە يول تۇتتى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكىلىق باي، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بېل گايتس ئالىي مەكتەپنى تولۇق ئوقۇمىغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ۋە قىزىقىشىغا تايىنىپ زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىغانلار ياكى ئوقۇش تارىخى تۆۋەنلەر ھەرگىز مەيۈسلەنمەي، ئۆزىدە مەلۇم ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك. ئۇنۋان بىلەن ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئىقتىدار ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، ئىقتىدار بولسىلا ئۇنۋان ئالغىلى بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ناتوغرا يول بىلەن ئۇنۋان ئېلىۋېلىشى قىسمەنلىك. ھازىر تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ساختا ئېلىنغان ئۇنۋان تېزلا ئاشكارىلىنىپ، بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ماھىيىتى چوقۇم ئاشكارىلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئىلمىيلىكنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، يەككە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ئۇنۋان ئېلىشنى ئاخىرقى نىشان قىلىۋالماي، داۋاملىق ئۆگىنىش، يېڭى ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشنى مەڭگۈلۈك تاللاش قىلىشىمىز كېرەك.
|