|
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار كەنت قۇرۇش، شەخسلەر قۇرۇش، جەمئىيەت ئورتاق قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى كەنت بازا قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۈلگىلىك ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزىسى يۇقارقى خۇدىياريۈزى كەنتى بالىلار باغچىسى، ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى ئىسلاميۈزى كەنتى بالىلار باغچىسى ئوبلاست بويىچە ‹‹ئۈلگىلىك بالىلار باغچىسى›› بولۇپ باھالاندى. ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا، كەنتلەر قۇرغان ‹‹قوش تىل››لىق بالىلار باغچىسى 269غا يېتىپ، يېزا – قىشلاقلاردىكى بالىلارنىڭ يەسلى تەربىيىسىدىن بەھرىمەن بولالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
|