|
ئابدۇشۈكۈر قاۋۇل
10 – ئىيۇن تۇرپانغا مۇخبىرلىققا كەلدىم، شۇ كۈنى ھاۋا خېلىلا ئىسسىق ئىدى. مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا، كۆرۈشكەن بەزى كىشىلەر تۇرپاننىڭ ئىسسىقىنى ‹‹ئاپەت›› دەپ قاقشىغان بولسا، بەزى كىشىلەر ‹‹ئامەت›› دەپ ماختىدى. تۇرپاننىڭ ئىسسىقى زادى ئاپەتمۇ؟ ئامەتمۇ؟ مەن بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن، تۇرپاندىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدىم.
تۇرپان تارىختا ‹‹ئوت يۇرتى›› دەپ ئاتالغان، – دېدى. ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئىنژېنېرى ئەركىن كېرەم ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، – بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ‹‹ئوت›› دەل تۇرپاننىڭ ئىسسىقىغا قارىتىلغان. دېمىسىمۇ، تۇرپان مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 47.9 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. تېمپېراتۇرا 40سېلسىيە گرادۇستىن ئاشسىلا يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل ھاۋا بالدۇر ئىسسىدى، 2 – ئىيۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرا 45.4 سېلسىيە گرادۇسقا يەتتى. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا يىلدا ئىككى – ئۈچ قېتىم كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغلاردا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى تېزلىشىش، زىرائەتلەر قاغجىراش، ھاۋانىڭ نەملىكى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇش نۇقتىسىدىن ياشاش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا قۇلايسىزلىق تۇغدۇرغان بۇ خىل ئەھۋاللارنى ‹‹ئاپەت›› دەپ سۈپەتلىسەكمۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىسسىقنىڭ ‹‹ئاپەت›› خاراكتېرىدىن ‹‹ئامەت›› خاراكتېرى كۆپ. چۈنكى، 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدىغان ئىسسىق بولغاچقىلا، سېھىرلىك زېمىن سۈپىتىدە جاھانغا تونۇلغان بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ھەممە نېمىسى پۇلغا ئايلانماقتا. شۇڭا، تۇرپاننىڭ ئىسسىقىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن ئەۋزەللىك دەپ تونۇش كېرەك.
تۇرپاننىڭ ئىسسىقى ھەرگىزمۇ ئاپەت ئەمەس، – دېدى، تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچىسى، ‹‹تۇرپانشۇناسلىق›› ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلىم قېيۇم گەپ باشلاپ، – گېرمانىيىنىڭ مەملىكىتىمىزدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى ئالدىنقى يىلى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىزىنى ئېلىپ كېلىپ، يار يېزىسىدىكى قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالانغان ئىكەن، بىر ھەپتىدە سەللىمازا ساقىيىپتۇ. بۇنىڭدىن خۇش بولغان ئۇ خىزمەتچى بۇلتۇر ئاپىسىنى ئېلىپ كېلىپ قۇمغا كۆمۈلۈپ كەتتى. قۇمغا كۆمۈلۈش ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىن كېلىدىغان مېھمانلار كۆپ. ئۇلارنىڭ قۇمغا كۆمۈلۈش جەريانىدا خەجلىگەن پۇلى تۇرپانلىقلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بۇنىڭ ھەممىسى تۇرپان ئىسسىقىنىڭ پايدىسى. بۇ ئىسسىقنىڭ پايدىسى يەنە، تۇرپاننىڭ ئۈزۈم، جۈجەم(ئۈجمە)، قوغۇن، تاۋۇز قاتارلىق مېۋە – چېۋىلىرىنىڭ داڭلىق؛ كارىز، يارغۇل قەدىمىي شەھىرى، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى،بېزەكلىك مىڭئۆيى، سۇلايمان ۋاڭ (غوجا) مۇنارى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ مەشھۇر؛ بۇيلۇق، تۇيۇق، قۇمتاغ قاتارلىق ئارامگاھ – سەيلىگاھلارنىڭ جەلپكار بولۇشىدا گەۋدىلەندى. بۇ پاكىتلارنى تىلغا ئالغاندا، تۇرپان ئىسسىقى سەۋەبلىك بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك قولغا كېلىدىغان كىرىمنى مۆلچەرلىمەك تەس. شۇنچە كۆپ كىرىم ئالدىدا تۇرپاننىڭ ئىسسىقىنى قانداقمۇ ئاپەت دېگىلى بولسۇن. ‹‹ئاپەت›› دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ ‹‹ئاپەت›› نىڭ زىيىنى كۆپ ئەمەس. چۈنكى، ئەقىللىق تۇرپان خەلقى ئىسسىقنىڭ ‹‹ئاپەت›› خاراكتېرى گەۋدىلەنگەندە قانداق مۇداپىئە كۆرۈشنى بىلىدۇ. شۇڭا، تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدىغان تۇرپان خەلقىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى نۇقتىسىدىن دېگەندە، تۇرپاننىڭ ئىسسىقى ئاپەت ئەمەس، بەلكى، ئامەتتۇر.
|