|
ئۇزۇندىن بېرى ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك سودا–سانائەت بانكىسى ئىشىكى ئالدىدا نىمكەش يانفون سودىسى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كۆچمە يايمىكەشلەرنىڭ مۇقىم يايما ئورنى بار بولدى .
جۇڭگو سودا–سانائەت بانكىسى دۆڭكۆۋرۈك تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يوڭ مۇنداق دېدى :‹‹ بۇرۇن يانفون سودىگەرلىرى بانكا ئىشىكىنىڭ ئالدىغا توپلىشىپ تۇرۇلغانلىقتىن ، كىشىلەرنىڭ يولدىن ئۆتمىكىمۇ تەس ئىدى . يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىمۇ مەۋجۇت بولغاچقا ، خېرىدارلار مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى باشقا تارماق بانكىلارغا بېرىپ بېجىرەتتى . بۇلار ياندىكى كوچىغا يۆتكىلىپ تىجارەت قىلىشقا باشلىغاندىن بېرى ، بانكىنىڭ ئالدى ئازادىلىشىپلا قالماي ، يەنە خېرىدارلارمۇ باغانسىرى كۆپەيدى››.
جەنۇبىي ئازاتلىق يولى مەھەللە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، 23–ئىيۇن تيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك سودا–سانائەت بانكىسىنىڭ ئالدىدىكى نىمكەش يانفون سودىسى بولىدىغان يولدا تىجارەت قىلىۋاتقانلارنى بانكىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى تار كوچىغا يۆتكىگەن . بۇ يەردە تىجارەت قىلىدىغانلاردىن باشقۇرۇش ھەققى ئېلىنمايدىكەن . يايما تىزىدىغان ئورۇن نىمكەش يانفون ساتىدىغانلارنىڭ چەك تارتىشى ئارقىلىق بەلگىلىنىدىكەن .
|