باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
قۇمۇل ۋىلايىتىدە بۇ يىل مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا 45مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى
2008- 07- 14 12:55 شىنجاڭ گېزىتى

    بۇ يىل قۇمۇل ۋىلايىتى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشقا 45 مىليون 250 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى. بۇ بۇلتۇرقىدىن 30 مىليون يۈەن كۆپ بولۇپ، مەبلەغ ئەڭ كۆپ سېلىنغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ.

   قۇمۇل ۋىلايىتى بۇ يىل مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك 11تۈرنى يولغا قويغانىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قۇمۇل كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتتى. قۇمۇل شەھەرلىك 9 – ئوتتۇرا مەكتەپ، باركۆل ناھىيە سارچوقا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئاراتۈرۈك ناھىيە نوم بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسى قۇرۇلۇشى، تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكى 2 – باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە تۇرپان – قۇمۇل نېفىتلىكى چەت ئەل تىلى مەكتىپىنىڭ كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ