|
ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىمچە: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتكەن بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن.
جايلار تۇرالغۇ كاپالىتى نىشان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇپ، ئاساسلىق رەھبەرلەر نىشان مەسئۇلىيىتى بويىچە باشقۇرۇشىنى يولغا قويغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)لەر مەركىزىي شەھەرلەر، ناھىيە (رايون) لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تۇرالغۇ كاپالەت خىزمىتى نىشان مەسئۇلىيەتنامىسىنى ئىمزالاپ، تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى يولغا قۇيۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، 60 شەھەر(ناھىيە بازىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە چېكىنىش جەھەتتە ئالاقىدار باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزگەن. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ‹‹شەھەرلەردىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى››نى تۈزۈپ، قۇرۇلۇش نازارىتىگە رويىخەتكە ئالدۇرغان.
شەھەرلەردىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان. تەكشۈرۈش ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شەھەرلىرىدىكى(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر جەمئىي 299 مىڭ 442 بولۇپ، ھازىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلىنىۋېتىپتۇ. ‹‹شىنجاڭ قۇرۇلۇش تورى››دا ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ كاپالەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى›› تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئارىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنى بىۋاسىتە مەلۇم قىلىش ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلىگەن. ھازىرغا قەدەر، جايلاردىكى 94 دۆلەت كارخانىسى (بىڭتۇەن كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان، ئاپتونوم رايون 852 مىڭ 500 كۋادرات مېتىرلىق تۇرالغۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن بولۇپ، 201 مىڭ كۋادرات مېتىر تۇرالغۇ پۈتۈپ، دۆلەت كارخانىسىدىكى ‹‹قوش قىيىنچىلىقى›› بار 2942 خىزمەتچى ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئۆي مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ باشلىقى زاڭ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان 108 مىڭ 309 ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ ئىجارىسى تولۇقلىمىسى پۈتۈنلەي كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى بويىچە بېرىلىدۇ، بۇ يىل يەنە 23 مىڭ 929 يۈرۈش تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي يېڭىدىن سېلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونىدىكى مالىيە قىيىنچىلىقى بار رايونلاردا تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە سىياسەت خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىدىغانلىقىدەك سىياسەتكە يەرلىك مالىيە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ۋە چېگرا ناھىيىسىدىكى 49 ناھىيە – شەھەردىكى تۇرالغۇ كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بەلگىلىك نىسبەتتە مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ››.
|