|
جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى ۋە جۇڭگو پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 1 – ئىيۇلدىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىلىرىدە ماي قوشۇلما ھەققىنى تەڭشىدى، مۇساپىسى 800 كىلومېتىردىن قىسقا ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ھەر بىر يولۇچىدىن ئېلىنىدىغان ھەق 60 يۈەندىن 80 يۈەنگە، 800 كىلومېتىر (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىدە ھەر بىر يولۇچىدىن ئېلىنىدىغان ھەق 100 يۈەندىن 150 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى.
جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرامىغا يەتكەنلەر بېلىتى باھاسىنىڭ %10 بويىچە ھېسابلىنىدىغان بوۋاقلار بېلىتىدىن ماي قوشۇلما ھەققى داۋاملىق ئېلىنمايدۇ؛ ھەر قانداق بۆلۈمچىگە بالىلار (چوڭلار ھەمراھ بولمايدىغان بالىلار)، ئىنقىلابىي مەجرۇھ ھەربىيلەر ۋە خىزمەتتە مېيىپ بولغان ساقچىلاردىن ئېلىنىدىغان ماي قوشۇلما ھەققى داۋاملىق يېرىم باھا بويىچە ئېلىنىدۇ، مۇساپىسى 800 كىلومېتىردىن قىسقا لىنىيىلەردە ھەر بىر يولۇچىدىن 40 يۈەن، 800 كىلومېتىردىن (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇزۇن لىنىيىلەردە ھەر بىر يولۇچىدىن 70 يۈەن ئېلىنىدۇ.
ئەگەر يولۇچى سېتىۋالغان دۆلەت ئىچى ئايروپىلان بېلىتى 1 – ئىيۇلدىن بۇرۇن چىقىرىلغان، لېكىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتى 1 – ئىيۇلدىن كېيىن بولغان بولسا، ماي قوشۇلما ھەققى تولۇقلاپ ئېلىنمايدۇ، ئەگەر 1 – ئىيۇل (ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن كېيىن ئايروپىلان ئالماشماقچى بولسا، قايتىدىن بېلەت كېسىلىپ، ماي قوشۇلما ھەققى تولۇقلاپ ئېلىنىدۇ.
|