باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
زەھەرلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ
2008- 07- 14 12:47 شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا فۇكاڭ شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ يېزىسىدا زەھەرلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىش سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش  يۈز بەردى. بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش  – تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيە ھەم زىيانلىق جانلىقلارنى تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى ۋېي شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆمۈچۈككە ئۇچرىغاندا قورقۇپ كەتمەسلىك، زەھەرلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتمە بەردى.

   لى ۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆمۈچۈك زىيانلىق قۇرتلارنى يەيدۇ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىگە پايدىلىق. ئۆمۈچۈكنىڭ تارقىلىشى كەڭ، ئاساسلىقى ئوتلاق، چۆللۈك، شەھەر ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا ياشايدۇ، توپا ئۆيلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۆمۈچۈكنىڭ نەچچە مىڭ تۈرى ئىچىدە زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ نىسبىتى ناھايىتى ئاز. زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ تېنى چوڭراق، بەزىلىرى دادۇردەك بولىدۇ؛ رەڭگى قېنىقراق بولۇپ، قارا ھەم قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ تۈكلۈكرەك كېلىدۇ. ››

   ئەگەر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋالسا، چېقىۋالغان ئورۇننى ئالدى بىلەن  پاكىز سۇدا ياكى سوپۇن سۈيىدە يۇيۇش كېرەك. زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن بىر قېتىم چېقىۋالغاندا چىقىرىدىغان زەھىرىنىڭ مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىغاچقا، ئادەمنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەگەر چېقىۋالغان ئورۇن قىچىشىپ قىزارسا، دەرھال دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈڭ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر زەھەرلىك ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشى كېرەك؟ لى ۋېي مۇنداق ئەسكەرتتى: دالىدا ئۆمۈچۈك تورىغا قالايمىقان چېقىلماسلىق كېرەك. نەرسىلەرنى ئۇزاق مۇددەت دۆۋىلەپ قويغان ئورۇنلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئۆمۈچۈكنىڭ ماكانلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر تۇرالغۇڭىزدا ئۆمۈچۈك تورىنى بايقىسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۆمۈچۈكتە زەھەر بار – يوقلۇقىنى بىلىشىڭىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىڭىزغا پەلەي كىيىپ ئۆمۈچۈك چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسىڭىز بولمايدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا زەھەرلىك ئۆمۈچۈك بارلىقىنى بايقىسا ھەم  زەھەرلىك ئۆمۈچۈكنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولسا، دېكامېترىن، خلور پىرىفوس، سىپېرمېتىرىن قاتارلىق قۇرۇت ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى چېچىشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ