باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئېلىمىزدە ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوغۇتلىماسلىق سەۋەبىدىن ھەريىلى 50مىليارد يۈەن زىيان بولىۋاتىدۇ
2008- 07- 14 12:45 شىنجاڭ گېزىتى

   دېھقانلارنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلدا ئوغۇتلاش بىلىمى كەمچىل بولغانلىقىدىن، ئېلىمىزدە ھەر يىلى كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي زىيان 50 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. كەسىپ ئەھلىلىرى: ئېلىمىز ئاستا ئۈنۈملۈك ئوغۇتلاش ۋە ئوغۇتلاشنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى تېزدىن كېڭەيتىپ، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ زىيىنىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايىتىشى كېرەك، دەپ مۇراجىئەت قىلدى.

   يېقىندا شەندۇڭدا ئېچىلغان ‹‹خەلقئارا ئاستا ئۈنۈملۈك ئوغۇتلاش ۋە ئوغۇتلاشنى تىزگىنلەش تېخنىكىسى ۋە كەسىپ مۇنبىرى››دە مۇتەخەسسىسلەر: خىمىيىۋىي ئوغۇت ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇلدا، كۆپ مىقداردا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ئېلىمىزدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىمىيىۋى ئوغۇتنى ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولۇشىمۇ ئوغۇتلاشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىنى ۋە ئېغىر زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شېنياڭ ئەمەلىي ئېكولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى ۋۇ جىجې ھازىر ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يەرگە ئوغۇت بېرىش بىرلىك مىقدارى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈم نىسبىتى تۆۋەن، ئازوتلۇق ئوغۇتتىن پەسىللىك پايدىلىنىش نىسبىتى ئاران %30 ئەتراپىدا، فوسفورلۇق ئوغۇتنىڭ بولسا %20 بولۇپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن %20 پوئېنتى تۆۋەن، ئوغۇتلاشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادىي زىيان ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، دېدى.

   مۇتەخەسسىسلەر: ئوغۇتلاشتىكى ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ئاستا ئۈنۈملۈك ئوغۇتلاش ۋە ئوغۇت بېرىشىنى تېزگىنلەش تېخنىكىسىنى تېزدىن كېڭەيتىپ، ئوغۇتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى.   

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ