|
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مۇشۇ ئاينىڭ 9–كۈنى بېريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا ئالبانىيە ۋە كرودىيىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدىكى ھالقىلىق قەدەمنى باستى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى — شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى قېتىم غەربىي بالقان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جاپدېخوپ شېففېر ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويۇش ئالبانىيە بىلەن كرودىيىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىسى بولۇپلا قالماي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭمۇ تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ، دېدى.
ئىككى دۆلەتنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىي تەرتىپى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن بۇ كېلىشىمنامىنى تەستىقلايدۇ، ئىككى دۆلەت ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر يىل 4 –ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدىن بۇرۇن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىدۇ.
ماكېدونىيە بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت گرېتسىيە ئوتتۇرىسىدا دۆلەت نامى مەسىلىسىدە تالاش- تارتىش بولغانلىقتىن بۇ يىل 4–ئايدا بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدا ماكېدونىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالالماي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى، ماكېدونىيە– گرېتسىيە تالاش–تارتىشى ھەل قىلىنسىلا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ماكېدونىيىگە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش تەكلىپىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزەلدىن ‹‹ياۋروپادىكى پارتلاتقۇچ دورا پىلىكى››دەپ ئاتىلىدىغان بالقان رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ كېڭىيىش نىشانى قىلدى. جاپدېخوپ شېففېر ئىلگىرى، بالقان دۆلەتلىرىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىشى، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىردىن بىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى. ئالبانىيە، كرودىيە ۋە ماكېدونىيىدىن ئىبارەت 3 دۆلەتتىن سىرت، بوسنىيە – گېرېتسېگوۋىنا ۋە مونتونېگىرومۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ‹‹سۆزلىشىشنى كۈچەيتىش مېخانىزىمى ››غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىندى، سېربىيە 2006 – يىلى 11–ئايدا لاتۋىيەنىڭ پايتەختى رىگادا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ‹‹ تىنچلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى پىلانى›› غا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشتىكى مەقسىدى، بۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت كۈچى ياكى ھەربىي كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆزلىگەن بولماستىن، بەلكى ئىستراتېگىيىلىك تەڭشەش قەدىمىنى تېزلىتىشنى كۆزدە تۇتقانلىقىدىن بولغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنىڭ ئاياقلىشىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قارمۇقارشى تەرىپى بولغان ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نوقۇل ھەربىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەمەلىيەتتە داۋاملىق مەۋجۈت بولۇش ئاساسىنى يوقۇتۇپ قويدى. ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋارشارا شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئوخشاش تارىخقا ئايلانماي، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتتى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى نۆۋەتتە ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدىكى كوللېكتىپ مۇداپىئەنى مەقسەد قىلغان نوقۇل ھەربىي تەشكىلاتتىن دۇنيادا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ھەربىي، سىياسىي تەشكىلاتقا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، سىياسىي خاراكتېرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىش ئارقىلىق يېڭى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى ھەمدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلىرىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كۈچلۈك ھەربىي كۈچكە ئىگە قىلىپلا قالماي، تەسىر كۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىش پىلانى بالقان رايونىدىلا توختاپ قالمايدۇ. ‹‹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىنامىسى›› غا ئاساسەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشى ياۋروپا رايونىدا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىشىكى ياۋروپادىكى بارلىق ‹‹ دېموكراتىك ›› دۆلەتلەرگە ئۇچۇق. بۇ يىل 4– ئايدا بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بولغان ئوكرائىنا بىلەن گروزىيىنىڭمۇ ئاخىرىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيتتى.
|