|
ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى ئاخىرى مەغلۇپ بولۇپ كېڭەش پالاتاسىغا قايتتى. بۇ ‹‹جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغان›› ئايال ئوباما بىلەن قاتتىق ئېلىشقاندىن كېيىن پارتىيە ئىچىدىكى غايەت زور ‹‹ئىتتىپاقلىشىش ››نىڭ بېسىمى ۋە ئازراق پەرىق بىلەن پايدىسىز ۋەزىيەتتىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى ھەمدە ئوبامانىڭ بىر قارا تەنلىكنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش ئارزۇسىغا يېتىشىغا ياردەم بەردى.
22 يېشىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ‹‹مۈمكىن ئەمەسلىكنى مۈمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىمەن›› دەپ قەسەم قىلغان، ئىككى قېتىم ئامېرىكىدىكى ئەڭ تەسىرىي كۈچكە ئىگە 100 ئادۋۇكات قاتارىغا كىرگەن يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى، بىر نىيەتتە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان سابىق 1– خانىم ھىلارى ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىگە ئايال زۇڭتۇڭ بولۇش ئارزۇسىنى پۈكۈپ كەلگەن ئىدى .
بۇ نۆۋەت، ھىلارى ئارزۇسىغا يېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. ئەزەلدىن بىرەر ئايال ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاق سارايغا بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغان.‹‹ يېڭى دۇنيا ›› دەپ قارالغان ئامېرىكىدا، ئاياللارنى كەمسىتىش ئىزچىل مەۋجۈت بولۇپ كەلمەكتە، ئاياللار 1920– يىلى ئاندىن سايلام ھوقۇقىغا ئىگە بولدى، 1984– يىلى بىر ئايال مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشتى، ھازىرمۇ پارلامېتتىكى ئاياللار ئورنى ئاران %16 نى ئىگىلەيدۇ.
ھىلارىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ۋە مەغلۇپ بولۇشى ئامېرىكىدا كۈچلۈك تەسىر ۋە تالاش–تارتىش پەيدا قىلدى. بىر قىسىم ئاياللار ئۇنى ئالقىشلاپ، ئۇنى ئامېرىكىدا ئاياللار ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى، دەپ تەرىپلىدى؛ بىر قىسم ئاياللار بولسا پىسەنت قىلماي، ئۇنى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا ئاللىقاچان ئاسىيلىق قىلدى، ئۇنىڭ مەقسىدى پەقەت ‹‹ كلىنتون خاندانلىقى›› نى قايتا قۇرۇشتىن ئىبارەت، دەپ قارىدى؛ بىر قىسىم ئەرلەر بولسا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، ھىلارى ئۆيىگە قايتىپ ئىشىنى قىلسۇن، دېدى.
ئاياللار ھوقۇقىنىڭ مەقسىدى ھەر قايسى جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن بولغان باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئاياللار ھوقۇقى دېگەن سۆز كىشىلەرگە ‹‹ئەرلەردىن ھوقۇق تالىشىش›› دېگەن تەسىرنى بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاياللار قولغا كەلتۈرمەكچى بولغىنى پەقەت ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. غەرب ئەللىرىدە، ئاياللار ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئاقارتىش ھەرىكىتى دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولسىمۇ، ئەمما 1787–يىلىدىكى ‹‹ئامېرىكا قوشما شتاتى ئاساسىي قانۇنى›› ۋە 1789–يىلىدىكى فرانسىيىنىڭ ‹‹ئىنسان ھوقۇقى ۋە پۇقرالار ھوقۇقى خىتاپنامىسى›› قاتارلىق مۇھىم قانۇن ۋە خىتاپنامىلاردىمۇ ئاياللارنىڭ ھوقۇق–مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مەزمۇن يوق. 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق ئاياللار ھوقۇقى دولقۇنى ئايرىم ھالدا سايلام ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان.
20– ئەسىرنىڭ 60– يىللىرىدا ئۆسۈپ– يېتىلگەن ھىلارى ئەلۋەتتە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ بىر ئايال دوستى ئەينى چاغدا كىلىنتوننىڭ ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ كلىنتونغا ھىلارى بىلەن توي قىلماسلىققا نەسىھەت قىلغان ئىكەن. ھىلارى يەنىلا كىلىنتون بىلەن توي قىلىشنى تاللىدى، ئۇنىڭ بۇ تاللىشى ئۇنى ئاق سارايغا كىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى، ئەمما بۇ قېتىملىق مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ يەنىلا بۇ ئورۇنغا باغلانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمەلىيەتتە، ھىلارىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ئۇنىڭ ئاياللىق ۋە سابىق 1–خانىملىق سالاھىيىتىنىڭ رۇسسېل پارادوكسى قارشىلىق نەزەرىيىسىنى نامايەن قىلىدۇ: يەنى، ئاياللار چوقۇم ئاياللارنى قوللىشى كېرەكمۇ؟ ناتايىن. ئاران يېرىمدىن ئاشىدىغان ئايال سايلىغۇچىلار ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن. يېشى چوڭراق ئاياللار ھىلارىنى قوللاشقا مايىلراق، چۈنكى ئۇلار ئايال بولۇشنىڭ تەسلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن؛ ياش قىزلارغا نىسبەتەن ئوبامانىڭ جەلب قىلىش كۈچى تېخىمۇ زور، ئۇلار، چوقۇم ئايال زۇڭتۇڭ سايلاپ چىقىش كېرەك، دەپ قارىمايدۇ؛ رادىكال ئاياللار ھوقۇقى تەرغىبچىلىرى بولسا، ھىلارى مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس پۇرسەتپەرەس، ئۇ سىياسىي ئىستىقبالىنى دەپ نومۇسسىزلارچە ئۆزىنى ئالدىغان يولدىشى بىلەن مۇرەسسەلەشكەن، ئۇ ھەقىقىي مۇستەقىل ئايال ئەمەس، دەپ قارايدۇ؛ ئاق ساراينىڭ ئايال خوجايىنى بولۇش سەزگۈرەشتىسى ھىلارىنىڭ ئاق سارايغا قايتىشىغا ياردەم قىلالامدۇ؟ ناتايىن. بەزىلەر ھىلارىنىڭ ئىقتىدارى ۋە تەجرىبىسىگە ھەقىقەتەن قايىل بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەر 1–خانىم بولۇش تەجرىبىسىنى ھەقىقىي سىياسىي تەجرىبە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، بەزىلەر ‹‹بۇش خاندانلىقى›› دىن كېيىن يەنە ‹‹ كىلونتون خاندانلىقى›› غا قايتىشتىن تېخىمۇ بىزار.
ھىلارىنىڭ قارىشىچە، جىنسىي كەمسىتىش ئۇنىڭ پۇرسىتىنى نابۇت قىلغان. سايلامنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ھىلارى ‹‹ئاياللارنى ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەر›› نى ئاشكارە ئەيىپلەپ، ئامېرىكىدا جىنسىي كەمسىتىش ئېرقىي كەمسىتىشتىنمۇ ئېغىر دەپ قارىدى، ئۇ بولۇپمۇ بىر قىسىم قابىلىيەتلىك ئەرلەر رەھبەرلىكىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنى سەتلەشتۈرۈپ خەۋەر بەرگەنلىكىدىن نارازى بولدى. ھەقىقەتەن، گېزىت ۋە ئىنتېرنېت تورىدىكى ھىلارىنىڭ سىرتقى قىياپىتى، ئاۋازى ۋە ھېسسىيات تۇرمۇشىغا بېرىلگەن باھادىن ئۇنىڭ قانچىلىق ھاقارەت ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچىرىغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ، ئامېرىكىدا ‹‹ ھىلارىنى يامان كۆرۈش›› بىر خىل كۆڭۈل ئېچىشقا ئايلىنىپ قالغان. مەيلى قەيسەرلىك ياكى ئاجىزلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى مۇستەقىل ياكى تايىنىش جەھەتتە بولسۇن، ئامېرىكىدىكى ئەرلەر ھوقۇقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ھۇجۇم قىلغان تۇنجى ئايالنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر.
ئاياللارنىڭ‹‹ 2–جىنىس›› لىق ئورنى— تارىخ، مەدەنىيەت ھالقىغان ئومۇميۈزلۈك مەۋجۈت ئەھۋال. فرانسىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزىمچى بىلاينىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: ھەرقانداق جەمئىيەتتە، ئاياللار ئازادلىقى—ئومۇميۈزلۈك ئازادلىقنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار ھوقۇقىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر ئېزىز، ئاياللار خار دېگەن جىنسىي تەرتىپ تەبىئىي شەكىللەنمىگەن بولۇپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەتتىن بەرپا بولغان ئىكەن، شۇڭا ئاياللار ئۆزىدە ئاساسىي گەۋدە ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەككەن. ھىلارىنىڭ ھاياتىنى — ئەنئەنىۋى ئۆرپ– ئادەت بىلەن تارىخنى يارىتىش ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى تېپىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىش يولىدا ئىزدەنگەن ھايات دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ كۈرەش يولىنى بەزى ئاياللار ئېتىراپ قىلماسلىقى مۈمكىن. ئەمما ئۇ ئۆزى ئېيتقاندەك، 18 مىليون سايلىغۇچىنىڭ ئۇنى قوللىشى ئەرلەرنىڭ مۇستەھكەم قورغىنىنى تەۋرەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
|