باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى
2008- 07- 14 12:27 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بۈگۈن گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ‹‹2008 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر›› ۋە ‹‹گېنى ئالماشتۇرۇلغان بىئو يېڭى سورتنى يېتىشتۈرۈش پەن – تېخنىكىسىدىكى مۇھىم تۈر›› قاراپ چىقىلدى ھەم پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش سىياسىتى 30 يىللىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىسلاھات – تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئىسلاھات ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىسلاھات ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتتىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئىسلاھات ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئىشلار ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

   يىغىندا قاراپ چىقىلغان ھەم پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللانغان ‹‹2008 – يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر›› دە ‹‹11 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلاندىكى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، كونكرېت ۋەزىپىلەر يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالغان باشلامچى تارماقلار ۋە يولغا قويۇش باسقۇچى بېكىتىلدى.

   يىغىندا مۇنداق قارالدى: ‹‹گېنى ئالماشتۇرۇلغان بىئو يېڭى سورتنى يېتىشتۈرۈش پەن – تېخنىكىسىدىكى مۇھىم تۈر›› نى يولغا قويۇش ––– يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى، ئېلىمىزنىڭ بىئو سورتنى يېتىشتۈرۈش سەۋىيىسىنى،  يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇھىم مەخسۇس تۈرنى يولغا قويۇش لايىھىسى ئىلمىي، دېموكراتىك، ئەتراپلىق دەلىللىنىش ئارقىلىق ئاساسىي جەھەتتىن پىشتى، ئالاقىدار تارماقلار بۇ زور قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، لايىھىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېزدىن يولغا قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ