|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زېڭ شياۋئەن بۈگۈن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: دۆلەت ھازىرقى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يېقىلغۇ بېجى ئىسلاھات لايىھىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىلغا قاراپ يېقىلغۇ بېجى ئالىدۇ، دېدى.
زېڭ شياۋئەن جەمئىيەتتىكى ‹‹ماي باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يېقىلغۇ بېجى سىياسىتىنىڭ تۈزۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟›› دېگەن مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېقىلغۇ بېجى ئىسلاھاتى لايىھىسىنى تۈزۈش بىر قىسىم شەرتلەرنى ھازىرلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن: ماي باھاسى نىسبەتەن مۇقىم بولۇش، مۇۋاپىق ماي باھاسى مېخانىزمى شەكىللىنىش قاتارلىقلار. شۇڭا دۆلەت ھازىرقى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە يول قاتنىشى باج – ھەق ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن يېقىلغۇ بېجى ئىسلاھات لايىھىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتوموبىلغا قاراپ يېقىلغۇ بېجى ئالىدۇ.
دۆلەت 1998 – يىلى سىناق تەرىقىسىدە يېقىلغۇ بېجى ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدى. زېڭ شياۋئەن مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن 2001 – يىلى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ دۆلەت ئىچىدىكى ماي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە خەلقنىڭ يۈكىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىسلاھات لايىھىسىنى قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغانىدى.
ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنىڭ بىرىنچى قەدىمىدە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى 2001 – يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قوشۇمچە ھەققىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى؛ ئىككىنچى قەدەمدە، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاپتوموبىلغا قاراپ يېقىلغۇ بېجى ئېلىش يول ئاسراش ھەققى قاتارلىق ئاسراش ۋە قۇرۇش جەھەتتىكى قىسمەن ھەقلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىدۇ.
|