باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىز تاموژنىسى‹‹ئو ت م مەخسۇس يولى››مۇلازىمىتىنى يولغا قويىدۇ
2008- 07- 14 12:23 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ بۈگۈن تاموژنا باش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز تاموژنىسى ئو ت م مەزگىلىدە چېگرىدىن كىرىدىغان  –  چىقىدىغانلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ‹‹ئو ت م مەخسۇس يولى›› مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھەر قايسى ئەل تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ئو ت م چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۈك – تاقلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە تېز، قۇلايلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

   تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېڭ گۇاڭزۇ 8 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك تاموژنا سىستېمىسىنىڭ ئو ت م نىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ۋە مۇلازىمەت قەسەمياد يىغىنىدا مۇنداق دېدى:  مەملىكىتىمىزدىكى تاموژنا سىستېمىسىدىكىلەر بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ئو ت م گە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشكە ئالاقىدار  تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنىڭ ياخشى مۇھىتى ۋە كەيپىياتىنى يارىتىشى كېرەك.

   ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئېلىمىز تاموژنىسى ئو ت م گە ئالاقىدار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ بوپتۇ.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ