|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كىرىم تەقسىماتى مەھكىمىسىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىشلىگەن، جايلار ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرۇشنى پائال تەشكىللەپ، زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئۈچۈن ئامالنىڭ بارىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى ئىزدىگەن. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان دۇ جياڭيەن شەھىرىدىكىلەرنى 13 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، 5000 ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ بولغان؛ شۇاڭليۇ شەھىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرنى 3000 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن، قىسمەن كارخانىلار ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.
گەنسۇ ئۆلكىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى شەھەر – بازار كارخانىلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، ئالىي، تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار، يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار، شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرگەن دېھقان ئىشلەمچى قاتارلىقلارنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىشنى ئېنىق بەلگىلەپ، ئۇلارنى پاراۋانلىق خىزمەت ئورنىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز ئالدىغا ئىش تاپقانلار – ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە باج – ھەقتە ئېتىبار بېرىش، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەت ياردىمىدىن بەھرىمەن قىلغان، ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان كارخانىلارغا باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق سىياسەت رىغبىتى بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەملىكىتىمىزدىكى ئالاقىدار ئۆلكىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم بەردى. ئەنخۇي ئۆلكىسى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا ئوبلاستىنى 10 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئەنخۇيگە خىزمەت قىلغىلى كەلگەنلەرگە قاتناش ياردەم پۇلى بەردى ھەم ۋېنچۇەندىكى 663 ئوقۇغۇچىنى ئەنخۇيدە ھەقسىز تېخنىكا تەربىيىسى بىلەن تەمىنلىدى. خۇبېي ئۆلكىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرنى 150 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىن خۇبېيغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىدى، يول خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىپ بەردى ۋە بىر قىسىم مائاشىنى ئالدىن بەردى.
فۇجيەن ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سىچۇەن ئۆلكىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرنى 10 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى؛ چۈەنجۇدىكى نەچچە ئون كارخانا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى 3000 دىن كۆپ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. جېجياڭ ۋاخاخا گۇرۇھى (جايلاردىكى تارماق شىركەتلەر) ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى 1500 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
گۇاڭدۇڭ، شيامېن قاتارلىق جايلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى. سىچۇەندىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىن گۇاڭدۇڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقانلار 266 مىڭ ئادەمگە يەتتى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىن گۇاڭدۇڭغا يېڭىدىن ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەرنى بەش كۈن ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تونۇشتۇردى؛ گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ھەم ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئىشسىزلارنى تىزىملاپ، ئۇلارنى شەھەر – بازارلاردىكى ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە سىياسەت ياردىمىدىن بەھرىمەن قىلدى؛ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىن گۇاڭدۇڭغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش ياردەم پۇلى ۋە ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شيامېن شەھىرى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىن شيامېنغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان 10 مىڭدىن كۆپ كىشىنى ھەقسىز ئىشقا تونۇشتۇردى.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق تەكلىپ بەردى: جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمىنى ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەخسۇس سىياسەت – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. پىلان بويىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا زور كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭغا تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەك كۈچى كۆپلەپ ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا مەخسۇس سىياسەت تۈزۈپ، ئوخشاش شارائىتتا ئالدى بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان شەھەر – يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى بولۇپمۇ ئاپەت سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنى قوبۇل قىلىپ ھەم قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئېھتىياجلىق بولغان ئەمگەك كۈچىنى قانائەتلەندۈرۈپلا قالماستىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىنىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
تەرەققىيات – ئىسلاھات كومىتېتى مۇنداق قارىدى: ئاپەت رايونىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاپەت سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان شەھەر – يېزىلاردىكى كارخانا خىزمەتچىلىرى، يەككە تىجارەتچى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار، ئالىي، تېخنىكومنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن كىشىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن ئۇلارغا ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئورۇنلىرى باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال تەشكىللىشى كېرەك.
|