|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىكى 7 – ئىيۇل ‹‹چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ 2008 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە بولغان خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خې يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئېلان قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
خې يۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەت. پارتىيىلىك كادىرلارنى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نىڭ روھىي ماھىيىتى، ئاساسىي تەلىپى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئىدىيىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. تەشۋىقات – تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، رادىئو، تېلېۋىزىيە، گېزىت – ژۇرنال، تور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
خې يۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش – پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تەربىيىسىنى ۋە تۈزۈم، نازارەتچىلىك، ئىسلاھات، ئىستىل تۈزىتىش، جازالاش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، دېلو بېجىرىشتە باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك ۋەزىيەتنى ساقلاپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق، قىلچە ئايىماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ يەرتەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ باشقۇرۇلۇش، ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئائىت تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
خې يۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جايلار، تارماقلار ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش چارىسى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىپىنى ئايرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، باشلامچى ۋە ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ‹‹خىزمەت يىرىك پىلانى›› دا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
|