|
خوتەن قاشتېشى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، ‹‹دۆلەت قاشتېشىنىڭ ئۆزگىچە خىسلىتىنى، نەپىس بۇيۇملۇق قىممىتىنى نامايان قىلىش›› ئۈچۈن، جۇڭگو خوتەن قاشتېشى شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەخسۇس كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا شىنجاڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي، سۇجۇ، ياڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى داڭلىق ئۇستىلارنىڭ 800 دىن كۆپرەك ئەسىرى يىغىپ كېلىنىپ، 5 – ئىيۇلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە قىلىنىشقا باشلىدى.
بۇ قېتىمقى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ‹‹يىڭخې›› كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يىغىلغان 800 دىن كۆپ ئەسەر ئىچىدە 360 تىن كۆپرەكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ. كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىغان قاشتېشى بۇيۇمىنىڭ ھەممىسى خوتەننىڭ تەبىئىي قاشتېشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قاشتېشى ئويمىچىلىق ئۇستىلىرى ۋۇ دېشېن، ليۇ جۇڭرۇڭ، ياڭ شى قاتارلىقلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توققۇز كۈنلۈك كۆرگەزمىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك قاشتېشىنى مەخسۇس كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
|