باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008–يىلى››چاڭچۇن كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتلاندى
2008- 07- 14 12:16 شىنجاڭ گېزىتى

   بەش كۈن داۋاملاشقان 9 – نۆۋەتلىك چاڭچۇن كىنو بايرىمى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يېزا تېمىسىدىكى كىنو كۆرگەزمىسى 6 – ئىيۇل چاڭچۇندىكى ‹‹ۋۇخۇەن›› تەنھەرىكەت سارىيىدا يېپىلدى، كىنو بايرىمىنىڭ ‹‹ئالتۇن بۇغا مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى، ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 – يىلى›› فىلىمى ‹‹تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرغان فىلىم›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

   ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008 – يىلى›› فىلىمىدە، ‹‹ئولىمپىك››  باش تېما قىلىنغان بولۇپ، دەۋر، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك. فىلىمدە ئىلگىرىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى فىلىملەردىكى دائىم شۇ يەردىكى مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەرنىلا تونۇشتۇرۇش چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلانغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن پۇتبول بىرلەشتۈرۈلگەن. فىلىمنىڭ مۇزىكىسىمۇ ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دېپىدىن تارتىپ، ناغرا، جاز دۇمبىقىغىچە ھەممىسى ئىشلىتىلىپ، شوخ ئولىمپىك مېلودىيىسى ئورۇندالغان.
 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ