|
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىل يانۋاردىن مايغىچە ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت–ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 6 مىليارد 960 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ ، ئېشىش نىسبىتى %95.2 بولغان ھەمدە ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 6 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ، ئىمپورت سوممىسى 760 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .
بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت–ئېكسپورتىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى : ئېكسپورت مىقدارى زور كۆلەمدە ئاشقان . يەنى ئېكسپورت سوممىسى 6 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، بۇ ئىمپورت–ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %89 ىنى ئىگىلىگەن .
شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت–ئېكسپورتى جەمئىي 1.1 ھەسسە ئېشىپ ، شىنجاڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، شەھەر ، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىچىدە ئىمپورت–ئېكسپورت قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشقان بىردىنبىر رايون بولۇپ قالغان .
|