باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
تېزلەشكىنى پويىزنىڭ سۈرئىتىلا ئەمەس
2008- 07- 14 12:07 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (26)

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن ھازىرغىچە، ئېلىمىزنىڭ تۆمۈريول تارىخىدا سۈرئەت ئالتە قېتىم تېزلىتىلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەم شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى زامان ۋە ماكان ئارىلىقى زور دەرىجىدە قىسقاردى. ساياھەتچىلەر سۈرئەتنى تېزلىتىشتە ئەڭ زور نەپكە ئېرىشكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن پويىز سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىنىلا ئەمەس، تۆمۈريول ئەسلىھەلىرىدىكى ئۆزگىرىش، مۇلازىمەت ئېڭىدىكى يېڭىلىنىش ۋە رايون ئىقتىسادىدىكى تەرەققىياتنى ھېس قىلدى.

‹‹قارا پويىز›› ئەسلىمە بولۇپ قالدى

   پېشقەدەم تۆمۈريول خادىمى، ئۈرۈمچى تۆمۈريول شۆبە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى خۇ گوچياڭ شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان پويىز ‹‹قارا پويىز›› دەپ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى پويىزنى كۆمۈر قالىنىدىغان پاراۋوز سۆرەيدىغان بولۇپ، پويىز يول بويى قۇم – بورانلاردا ماڭىدىغان بولغاچقا، ۋاگوننىڭ سىرتى قاپقارا ھەم پاسكىنا بولۇپ، ناھايىتى كۆرۈمسىز بولۇپ كېتەتتى، شۇڭا، بېيجىڭغا كەلگەندە ۋوگزالغا كىرمەستىن سىرتتا توختايتتى. بېيجىڭدىن بېلەت ئېلىپ ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يولۇچىلار دائىم ‹‹قارا پويىز›› نى ۋوگزالدىن تاپالماي تېنەپ قالاتتى. بۇ چاغدا ۋوگزالدىكى خىزمەتچىلەر ‹‹قارا پويىز›› نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئاۋۇ قاپقارا پاسكىنا پويىزنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئاشۇ سىلەر چىقىدىغان پويىز! دەيتتى.

   30 نەچچە يىل جەريانىدا، بېيجىڭ پويىز ئەترىتىنىڭ نەچچە ئەۋلاد كادىر ھەم ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرى ئارقىلىق پويىزغا پاكىزلىق ئاتا قىلىپ، ‹‹قارا پويىز›› دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىدى. 2006 – يىلى 69/70 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى تۆمۈر يول مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن 18 – قېتىم ‹‹ئومۇمىي لىنىيىدىكى قىزىلبايراقدار پويىز›› بولۇپ باھالاندى.

   ‹‹قارا پويىز›› شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارىخىدا ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئۇنى بۈگۈنكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك شۇنداق خۇلاسىگە كېلىمىزكى، سۈرئەت كىشىلەرنى تۆمۈريولنىڭ يولۇچى توشۇش تارىخىغا سۆيۈنۈش ئىچىدە قارايدىغان قىلدى. پويىز گەۋدىسى ئادەتتىكى يېشىل رەڭلىك يولۇچىلار پويىزىدىن قىزىل رەڭلىكK  خېتى بىلەن باشلىنىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىغا، ئاندىن كۆك رەڭلىكT  خېتى بىلەن باشلىنىدىغان ئالاھىدە تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىغا ئۆزگەردى؛ پاراۋوزنىڭ تىپى ئەڭ بۇرۇنقى كۆمۈر قالىنىدىغان پاراۋوزدىن يېقىلغۇ ئىشلىتىدىغان ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىللىق پاراۋوزغا ئۆزگەردى؛ پويىزنىڭ قېتىم سانى ئىلگىرىكى پەقەت لەنجۇغا بېرىپ – كېلىدىغان بىر جۈپ يولۇچىلار پويىزىدىن ھازىرقى بېيجىڭ، شاڭخەي، خەنكۇ، شىئەن، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، دۇنخۇاڭ، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ، كۈيتۈڭ، ئالاتاۋ پورتى، ئالمۇتا، ئاستانە قاتارلىق جايلارغا ئايرىم – ئايرىم قاتنايدىغان 22 جۈپ يولۇچىلار پويىزىغا كۆپەيدى، ھەر قېتىملىق ئۆزگىرىش تۆمۈريولنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەش تارىخىنى ئەمەلىي خاتىرىلىدى.

‹‹تۆمۈريول غوجىئاكىسى›› ئۆزگەردى

   ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى تۆمۈريول مۇلازىمىتى يولۇچىلارنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلاتتى. ئەينى چاغدا، يولۇچى توشۇشقا مەسئۇل خادىم بىلەن پويىز خىزمەتچىسى يولۇچىلارغا باشقۇرغۇچىلارغا خاس سالاھىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ۋەھالەنكى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تۆمۈريولدا سۈرئەتنىڭ كەينى – كەينىدىن تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ ئۇششاق ئىشلار مۇلازىمىتى، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ‹‹يۇمشاق ئېھتىياج››غا بولغان تەلىپى كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ، ھەقىقىي مۇلازىمەت تەدرىجىي شەكىللەندى، ‹‹ئادەمنى ئاساس قىلىش››، ‹‹يولۇچىلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش›› تىن ئىبارەت مۇلازىمەت ئېڭى تۆمۈريولنىڭ ھەر قايسى لىنىيىلىرىدە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى.

   مەن 13 – ماي بېيجىڭغا ماڭغان 70 – قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرۇپ، ئەمەلىي زىيارىتىمنى باشلىدىم. پويىزدىكى مۇكەممەل، پاكىز مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى، شۇنىڭدەك پويىز خادىمىنىڭ ئەستايىدىل مۇلازىمىتى ‹‹تۆمۈريول غوجىئاكىسى››نىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

   يولۇچىلار پويىزى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ياش پويىز باشلىقى ليۇ پېڭ رادىئو ئارقىلىق دوختۇر ئىزدەش پائالىيىتىنى باشلاپ، يولۇچىلار ئارىسىدا بىرسى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالسا ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش – داۋالاشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، يولۇچىلار ئارىسىدىكى تېببىي خادىملارنى بىر – بىرلەپ تىزىمغا ئالدى؛ ئەتىگەن سائەت 10 دا، پويىز خادىملىرى ھەر قايسى ۋاگونلارغا كېلىپ، يولۇچىلارغا باش بولۇپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدىغان ‹‹سەپەر ئۈستىدىكى ساغلاملىق گىمناستىكىسى›› نى ئوينىدى؛ كەچتە قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگوننىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن، ئۇلار زاپاس كىرلىكلەرنى ئەكىلىپ، يولۇچىلارنىڭ شامالداپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋاگوننىڭ ئىككى بېشىغا ئېسىپ قويدى؛ كېچىدە، بىر كۈن جاپا تارتقان قىزلار يەنە ھەرىكەتنى باشلاپ، يولۇچىلارنىڭ كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاياغ كىيىشىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن يولۇچىلار خالىغانچە سېلىپ قويغان ئاياغلىرىنى جۈپى بىلەن رەتلىك تىزىپ چىقتى...

   تۆمۈريول مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى جەمئىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى. 2007 –  ۋە 2008 – يىللىرى مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول سىستېمىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشتە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئۇدا بىرىنچى بولدى.

پويىز سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى ئىقتىسادىي سۈرئەتنىڭ تېزلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى%10 تىن  يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى بىر رەھبەر مەمنۇن بولغان ھالدا: بۇ ئېشىش قىممىتىنىڭ بىر قىسمى ئىسلاھ قىلىشتىن كەلسە، يەنە بىر قىسمى پويىزنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشتىن كەلدى، دېدى.

   قىسقىغىنا 14 يىلدا، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتكەن مالنىڭ مىقدارى پويىز ئىستانسىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى 100 مىڭ توننىدىن 2007 – يىلىدىكى 14 مىليون توننىغا يېتىپ، يىللىق ئۆتكەن مال مىقدارى مانجۇرىيە پورتى بىلەن تەڭلەشتى. ئالاتاۋ پورتى قۇرۇلغان يىلى 6 – ئايدا، ‹‹ماركور›› ياۋروپا – ئاسىيا خەلقئارالىق ياغاچ ماتېرىياللىرى ياساش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ئالاتاۋ پورتىغا ماكانلاشقانىدى، ھازىر ئالاتاۋ پورتىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا 300 دىن ئاشتى.

   جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، تۆمۈريول گۇرۇپپىسى ‹‹خۇالۇڭ››كۆمۈر شىركىتى قۇرۇپ، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تۆمۈر يول مەخسۇس لىنىيىسىدىن نەچچىنى ياسىدى، بۇنىڭ بىلەن كۆمۈر تارقىتىش نۇقتىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەرگىچە تارقالدى، شىركەت تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، يەرلىك بازاردىكى كۆمۈرنىڭ باھاسى ئەسلىدىكى توننىسى 500 يۈەن بولۇشتىن 300 يۈەنگە چۈشۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈر يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

   ‹‹جۇڭگودىكى 1 – ئوبلاست›› دېگەن نامغا ئىگە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا پويىز قاتناشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى 17 شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە 12 – ئورۇندا تۇراتتى، پويىز قاتناپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نېفىت ترانسپورت، سانائەت ۋە ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىدى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىقتىسادى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى  ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىچىدە ئۇزاق يىل ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 

   تۆمۈريولنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ھۆرىگۈل جاپپار مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى ئاتۇشتا بەش مىنۇتمۇ توختىمايدۇ، لېكىن، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش ۋە مال ترانسپورت لىنىيىسىنىڭ ئېچىلىشى بۇ يەرنىڭ قالاق ھالىتىنى ئۆزگەرتتى. ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ھەرخىل سۈپەتلىك قوغۇن – تاۋۇز، مېۋە – چېۋىلىرىنى سىرتتىكىلەر بىلمىگەچكە، ھەر قېتىم قوغۇن – تاۋۇز پىشىپ، مېۋە – چېۋىلەر مەي باغلىغاندا، دېھقانلار قانداق سېتىشنى بىلمەي بېشى قاتاتتى. پويىز قاتنىغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ، ھەر خىل دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى جەمئىيىتى ۋە دېھقان ۋاسىتىچىلار كەينى – كەينىدىن مەيدانغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ سۈپەتلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى پويىز ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارىدىغان بولدى!

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ