|
يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر چوقۇم ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، قاراشنى يېڭىلاپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى چارۋىچىلىقى ۋە ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنى زامانىۋى چارۋىچىلىققا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز چارۋىچىلىقىنى تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.
بۇ قېتىمقى يىغىن ئاپتونوم رايوننىڭ 1996 – يىلى ۋە 2002 – يىلىدىكى چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى 3 – قېتىملىق مۇھىم يىغىنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىشى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
يىغىندا مۇنۇلار دېيىلدى: چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى دۆلەتنىڭ مۇھىم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە پىششىقلاپ ئېكسپورت قىلىش بازىسى قىلىپ قۇرۇش كېرەك. ئاساسلىق نىشان ۋە ۋەزىپە: سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنە بىر قاتلاش؛ دېھقانچىلىق رايونلىرى ۋە شەھەر ئەتراپى چارۋىچىلىقىدا كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنىڭ ئومۇمىي باقمىچىلىقتا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى% 60تىن ئاشۇرۇش؛ چارۋىچىلىقتىكى ساپ پايدا نىسبىتىنى% 35 كە، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش نىسبىتىنى% 90 كە، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش نىسبىتىنى% 40 كە يەتكۈزۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىقتىن قىلىدىغان يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 200 يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
|