|
بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلغان قەشقەر–خوتەن تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى باشلاندى . داۋاملىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر بىلەن قوشقاندا ، 2008–يىلى شىنجاڭدا جەمئىي 6 تۆمۈر يول لىنىيىسى ياسىلىۋاتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شىڭشىڭشيا بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدىكى يول بۆلىكى ، سايرام كۆلى بىلەن قورغاس ئارىلىقىدىكى يول بۆلىكى قاتارلىق ئۈچ لىنىيىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بۆلىكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي–شىمالىدا داۋاملىق ياتقۇزۇلىۋاتىدۇ .
قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ قايناق مەنزىرىسى شىنجاڭدا بۇ يىلقى مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئاشقانلىقىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى . بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ ، مۇھىم تۈرلەر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى .
سۇ ئىنشائاتى ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارمۇ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى يورۇق نۇقتىلاردۇر . ھازىر پەس بەلدىر سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېقىم باشلاش ئەگمىسى ئوڭۇشلۇق پۈتتى . جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەكەن دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىمىنىڭ قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلىپ ، يۇقىرى سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنىۋاتىدۇ . ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسى 3–قارارلىق كېڭەيتىلگەن قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشىغا 180 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، توك تارقىتىلىشقا باشلىدى . فۇكاڭ ئوت ئېلېكتر ئىستانسىسى 1–قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى سوۋۇتۇش مۇنارى پۈتۈپ ، 1–نومۇرلۇق پار قازاننىڭ ئەسلىھەلىرى قۇراشتۇرىلىۋاتىدۇ .
سانائەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە ، ماي–گاز ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇرۇلۇش تۈرىگە 5–ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 9 مىليارد 590 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مايتاغ ئون مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىش ، مىليون توننىلىق ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە نېفىت ئايرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇلۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلىشىپ ، بېسىم ئۆزگەرتىش ، ھارارەت ساقلاش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىردى . نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان—شىنجاڭ‹‹مېيكى››مەبلەغچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 60 مىڭ توننا بولغان بۇتاندىئول تۈرى پىلان بويىچە سىناق ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىردى .
|