باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
2008- 07- 14 11:20 شىنجاڭ گېزىتى

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى 6 – ئىيۇل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى جيارى لودى، گېساڭ جيەنزەن بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

   مۇخبىر: يېقىندا دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى جيارى لودى، گېساڭ جيەنزەن بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى: بۇ يىل 1 – ، 2 – ئىيۇل بۆلۈمىمىزنىڭ مەسئۇلى دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى جيارى لودى، گېساڭ جيەنزەن قاتارلىق بەش كىشى بىلەن بېيجىڭدا ئۇچراشتى. بۇ جەرياندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇ چىڭلىن جيارى لودى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. جيارى لودى قاتارلىقلار بېيجىڭ ئو ت م نىڭ ‹‹چاڭگا››، ‹‹سۇ كۇپى›› قاتارلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەيدانلىرىنى زىيارەت قىلدى، جۇڭگونىڭ زاڭزۇشۇناسلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈن، مۇئاۋىن باشلىقى سىتا جيارى لودى قاتارلىقلار بىلەن سۆزلەشتى.

   مۇخبىر: بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى 4 – مايدىكى شېنجىندىكى ئۇچرىشىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق ئىلگىرىلەش بار؟

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى: سۆھبەت جەريانىدا بۆلۈمىمىزنىڭ مەسئۇلى دۆلىتىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، مەركەزنىڭ دالايغا قاراتقان سىياسىتىنى يەنىمۇ شەرھلىدى، دالاينىڭ ‹‹14 – مارت››تىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئالدىنقى قېتىم شېنجىندا ئۇچراشقاندىن بۇيانقى خاتا سۆز – ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلىنىڭ دالاينىڭ سىياسىي قارىشى ۋە دالاي تەرەپنىڭ بەزى سۆز – ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى سەۋرچانلىق، ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ قاراشلىرىدا ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپ بولسىمۇ، سۆھبەتنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى سەمىمىي، ئازادە بولدى.

   يولداش دۇ چىڭلىن دالايغا قارىتا ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق›› تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى يەنى دالاي لاما كېيىنكى ھاياتىدا دۆلەت، مىللەت ۋە شىزاڭ خەلقىنىڭ بەختى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىشنى راستىنلا ئۈمىد قىلىدىكەن، ئاشكارا، ئېنىق ۋەدە بېرىشى ھەم ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بېيجىڭ ئو ت م  گە توسقۇنلۇق، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللىماسلىقى، زوراۋان جىنايى قىلمىشلارنى پىلانلاش، كۈشكۈرتۈشنى قوللىماسلىقى، ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى››نىڭ زوراۋانلىق  تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قوللىماسلىقى ۋە ھەقىقىي چەكلىشى، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى››نى، ۋەتەننى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان بارلىق تەشەببۇس ۋە ھەرىكەتلەرنى قوللىماسلىقى كېرەك. سۆھبەت جەريانىدا، دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى بۇنى مەركەزنىڭ يېڭى روھى دەپ قارىدى ۋە مەركەزنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەركەزنىڭ ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق›› تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن دالاي تەرەپنىڭ پائال ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلغانلىقى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىكى بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش. دالاي تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇچرىشىشتا كېيىنكى قېتىملىق ئۇچرىشىپ سۆزلىشىشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلدى.

   مۇخبىر: لاسادىكى ‹‹14 – مارت›› ۋەقەسىدىن كېيىن، مەركەز دالايغا ئىزچىل ‹‹ئۈچنى توختىتىش›› تەلىپىنى قويۇپ كەلگەنىدى، بۇ قېتىم مەركەز يەنە نېمە ئۈچۈن ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق›› تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؟

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمى مەسئۇلى: ھەممىگە مەلۇم، يېقىندا دالاي گۇرۇھى لاسا ۋە باشقا زاڭزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا زوراۋانلىق جىنايى ھەرىكەتلەرنى قوزغاشنى پىلانلىدى، دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى، بېيجىڭ ئو ت م  گە توسقۇنلۇق، بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شېنجىندىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىنمۇ دالاي تەرەپ يەنىلا ۋەتەننى پارچىلايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلدى بولۇپمۇ ‹‹شىزاڭ ياشلار ئۇيۇشمىسى›› قاتارلىق تەشكىلاتلار ھەر خىل بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى، بۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. مەركەزنىڭ دالايدىن ‹‹ئۈچنى توختىتىش››نى تەلەپ قىلىشىدا كۈچلۈك قاراتمىلىق بولۇپ، بۇنىڭ پۈتۈنلەي زۆرۈرىيىتى بار. ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق›› ‹‹ئۈچنى توختىتىش››نىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، تېخىمۇ مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە، دالاي تەرەپنىڭ قوبۇل قىلىشىغا تېخىمۇ قۇلاي شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇچرىشىشنى پائال نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دالاي تەرەپكە بىلدۈرگەن ياخشى نىيىتىمىز. ئەگەر دالاي تەرەپ ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق››تىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئاددىي، ئادەتتىكىدەك تەلەپنىمۇ قوبۇل قىلالمىسا، شۇ بويىچە ئىش كۆرەلمىسە، ئۇنداقتا، ئۇچرىشىش ۋە سۆزلىشىشنىڭ زۆرۈر كەيپىيات ۋە شارائىتقا ئىگە بولۇشى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ?

   مۇخبىر: سىلەر دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى بىلەن ئۇچرىشىپ قايسى مەزمۇندا سۆزلەشتىڭلار؟

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى: مەركەز، ئەگەر دالاي لاما ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› مەيدانىدىن ھەقىقىي ۋاز كېچىپ، ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكىتىنى توختىتىپ، شىزاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىلا، بىز دالاي لاما بىلەن ئۇنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىمىز، دەپ ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى. بەزى كىشىلەر بۇ ھەقتە يالغان سۆز تارقىتىپ، ئۇچرىشىپ سۆزلىشىشنى قانداقتۇر ‹‹جۇڭگو – شىزاڭ سۆھبىتى››، ‹‹خەنزۇلار بىلەن زاڭزۇلارنىڭ سۆزلىشىشى›› دېيىشتى. مەن بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن، بىز ئاتالمىش ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى››نى ئېتىراپ قىلمايمىز، دۇنيادىمۇ ھېچقانداق دۆلەت ‹‹شىزاڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتى››نى ئېتىراپ قىلغىنى يوق، مەركەز ھەرگىز بۇنداق قانۇنسىز تەشكىلات بىلەن سۆھبەتلەشمەيدۇ. مەن يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، دېموكراتىك ئىسلاھات قىلىش ۋە ئاپتونوم رايون قۇرۇش ئارقىلىق شىزاڭدىكى يانچىلار ئۆزىنى ئوڭشاپ خوجايىن بولدى، شىزاڭ سوتسىيالىزم يولىغا قەدەم قويدى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىلا شىزاڭ خەلقنىڭ ۋەكىلى، باشقا ھەر قانداق ئادەمنىڭ شىزاڭ خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىش ھوقۇقى يوق.

   مۇخبىر: سىز مەركەزنىڭ دالاي تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟

   مەركەز بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى: دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىز بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشقا پرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدۇق. مەركەزنىڭ دالايغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئېنىق، بىزنىڭ دالاينىڭ شەخسىي ۋەكىلى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىز ۋە ئۇچرىشىشتىكى ئىلگىرىلەش مەركەزنىڭ سەمىمىي نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ھازىر دالاي تەرەپنىڭ ئۆزىنى پائال ئىپادىلەيدىغان ۋە ئىنكاس قايتۇرىدىغان ۋاقتى كەلدى. پەقەت دالاي سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، ‹‹تۆتنى قوللىماسلىق››نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالىسىلا، مەركەزنىڭ دالاي بىلەن ئۇچرىشىپ سۆزلىشىش دەرۋازىسى باشتىن – ئاخىر ئوچۇق شۇنداقلا سۆزلىشىشتىمۇ پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئىيۇل تېلېگراممىسى)

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ