|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى كارخانا، ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاش ئۈچۈن 2008 – يىل 1 – ئىيۇلدىن 2011 – يىل 30 – ئىيۇنغىچە مەملىكىتىمىزدىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت فوندىنىڭ كېمەيتىپ ئېلىنىدىغانلىقى ياكى ئېلىنمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللايدىغان سىياسەت – تەدبىرلەر توغرىسىدىكى پىكرى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى توك ئىشلىتىدىغان كارخانا، ئورۇن ۋە شەخسلەردىن سەنشيا قۇرۇلۇش فوندى، چوڭ – ئوتتۇرا تىپلىق سۇ ئامبارلىرى كۆچمەنلىرىنى ئاخىرقى مەزگىللىك يۆلەش فوندى ئېلىنمايدىغانلىقىنى؛ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردىكى كارخانا ۋە ئالاقىدار تىجارەتچىلەردىن مەركەز كىرىمىگە تەئەللۇق مەدەنىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇش ھەققى، دۆلەت كىنوچىلىق تەرەققىياتى مەخسۇس مەبلىغى، سۇ يولى يولۇچىلار ۋە مال ترانسپورتى قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: سەنشيا قۇرۇلۇش فوندى، چوڭ – ئوتتۇرا تىپلىق سۇ ئامبارلىرى كۆچمەنلىرىنى ئاخىرقى مەزگىللىك يۆلەش فوندىنى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئالاقىدار ئورۇنلار توك ئىشلەتكۈچىلەردىن توك ھەققى يىغقاندا، شۇ مەزگىلدە ئېلىشقا تېگىشلىك فوندنى بىۋاسىتە چىقىرىۋېتىپ ھېسابلايدۇ ھەم ھەق ئېلىش تالونىغا چىقىرىۋېتىلگەن سوممىنىڭ كونكرېت سانىنى يېزىپ ئەسكەرتىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سىچۇەن، گەنسۇ، سەنشى ئۆلكىلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردىن يەرلىك كىرىمگە تەئەللۇق ھۆكۈمەت فوندىنى كېمەيتىپ ئېلىشى ياكى ئالماسلىقى شۇنداقلا مالىيە مىنىستىرلىكىگە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەلگىلىمىگە خىلاب يولغا قويۇلغان فوند تۈرلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. باشقا رايونلاردىكى كارخانا، ئورۇن ۋە شەخسلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا بېرىپ يېڭى كارخانا قۇرسا، ئاپەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەرسە، يۇقىرىقى فوندلارنى ئالماسلىق سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان رايونلاردىن بىر قىسىم ھۆكۈمەت فوندىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق دۆلەت ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىر. ئالاقىدار رايونلار ۋە تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ھەم ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى شۇنداقلا كېمەيتىپ ئېلىنغان ياكى ئېلىنمىغان فوند تۈرلىرىنى، كېمەيتىپ ئېلىنىدىغان ياكى ئالمايدىغان مۆلچەر سومما سانى قاتارلىقلارنى يازما شەكىلدە مالىيە مىنىستىرلىكىگە يوللىشى كېرەك. سىچۇەن، گەنسۇ، سەنشى ئۆلكىلىك مالىيە تارماقلىرى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ سىچۇەن، گەنسۇ، سەنشى ئۆلكىلىرىدىكى مالىيە مەمۇرىي تەپتىش باشقارمىلىرى بىر قىسىم فوندنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىپ ئېلىش ياكى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن تارماق ۋە ئورۇنلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
|