باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى
ئېلىمىز ئو ت م نى رۇخسەتسىز ئۇلاپ تارقاتقان ئالاقە تورى پونكىتلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ
2008- 07- 14 11:15 شىنجاڭ گېزىتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 7 – ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى رۇخسەتسىز ئۇلاپ تارقاتقان ئالاقە تورى پونكىتلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىدۇ ھەم بۇنى 2008 – يىلى توردىكى ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىش، ئوغرى نەشرگە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ‹‹باۋمىخۇا›› قاتارلىق ۋىدىئولۇق پروگرامما كۆرسىتىشنى ئاساس قىلغان بەزى تور پونكىتلىرى ھوقۇق بېرىلمەي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق ئو ت م مەشئىلى يەتكۈزۈش كۆرۈنۈشلىرىنى قانۇنسىز ئۇلاپ تارقاتقان، دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى بۇ تور پونكىتىغا ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلىشنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرىغان. بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز ئۇلاپ تارقىتىش قىلمىشىنى تۇنجى قېتىم چەكلىشى.

   دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، دۆلەت رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى 7 – ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۈچ تارماق بىرلىكتە تارقاتقان ‹‹ئالاقە تورى ئارقىلىق ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز ئۇلاپ تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگەن ‹‹ئۇلاپ تارقىتىش›› ئالاقە تورى ياكى كۆچمە ئالاقە سۇپىسى ئارقىلىق ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ماس قەدەمدە ياكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا تارقىتىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

   ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار قارىمىقىدىكى قانۇنلۇق ئىجازەت ئالغان ياكى ئەنگە ئېلىنغان ئالاقە تورى پونكىتى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئالاقە تورى پونكىتلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىلىرىنىڭ ئو ت م ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانۇنسىز ئۇلاپ تارقاتقانلىقى بايقالسا، نەشر ھوقۇقى تارماقلىرى قانۇن بويىچە تېز، قاتتىق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.

   ئۇقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلدى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 29 – نۆۋەتلىك ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئېلىمىزدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر ھەم ئاۋمېن ئالاھىدە رايونىدىكى يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى( ئالاقە تورى ۋە كۆچمە ئالاقىچىلىكى سۇپىسى) دا ئۇلاپ تارقىتىش ھوقۇقىنى جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغىلا بەرگەن، باشقا ھەرقانداق ئالاقە تورى پونكىتى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىسى قاتارلىق يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا ئۇلاپ تارقاتسا بولمايدۇ. ھەرقايسى ئالاقە تور پونكىتلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە سۇپىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور تارقىتىش مەركىزىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئو ت م ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنىڭ ۋىدىئولۇق ۋە ئاۋازلىق پروگرامما سىگناللىرىنى قانۇنلۇق ئىشلەتسە بولىدۇ. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ