|
شىخۇ شەھىرىدە ئىدارىلەردىكى ئىشخانا تېلېفونى، سىمسىز تېلېفونغا چېتىلغان ۋە ‹‹بىر تېلېفونغا ئىككى نومۇر ئىشلىتىش›› مۇلازىمىتىنى بىجىرگەن 163 ‹‹كىچىك زېرەك›› بىر تەرەپ قىلىندى، مۇشۇ بىر تۈردىلا شەھەر بويىچە بىر يىلدا تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەندىن كۆپ خىراجەت چىقىمى تېجەپ قېلىندى.
‹‹كىچىك زېرەك››نى ئىشخانا تېلېفونىغا چېتىش مۇلازىمىتى شەخسىي ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك ئالاقە خىراجىتىنى ئىدارە ئۈستىگە ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن ئىشخانا خىراجەت چىقىمى ئېشىپ كېتىپ ھەم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكەن. بۇ يىل 6 – ئاينىڭ بېشىدا، شىخۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايون ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ‹‹شەھەر بويىچە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا شەخسىيلەرنىڭ <كىچىك زېرەك>نى ئىدارىنىڭ ئىشخانا تېلېفونىغا چېتىش ئەھۋالىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى››نى چىقاردى. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئورۇنلار ھۆججەتنىڭ تەلىپى بويىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شەخسىيلەرنىڭ ‹‹كىچىك زېرىك››نى ئىدارە تېلېفونىغا چېتىش ئەھۋالىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزىتىشىگە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردى، ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تۈزۈتۈش جەريانىدا بايقالغان بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تۈرگە ئايرىپ تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلدى: بىرىنچى، تېلېفون ئېلىۋېتىلدى، شەخسىيلەرنىڭ ‹‹كىچىك زېرەك››ى ئىدارىنىڭ ئىشخانا تېلېفونىغا چېتىلمايدىغان بولدى؛ ئىككىنچى، تېلېفون توختىتىپ قويۇلدى، بۇ خىلدىكى كەسىپلەر ئېچىلمايدىغان بولدى؛ ئۈچىنچى، ‹‹كىچىك زېرەك›› شەخسىيلەرنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ تېلېفونىغا چېتىلىدىغان، ئىدارە تېلېفونىغا چېتىلمايدىغان قىلىندى؛ تۆتىنچى، ئادەتتىكى ‹‹كىچىك زېرەك›› كەسپىگە ئالماشتۇرۇلۇپ، خىراجەتنى شەخس ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغان قىلىندى.
ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغاندىن كېيىن، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پاش قىلىش تېلېفونىنى تېزلىكتە ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان ئورۇنلارنىڭ ئىنكاسى تېز بولۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئىشلىدى. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 12 – ئىيۇنغىچە، شەھەر بويىچە ئىدارىنىڭ ئىشخانا تېلېفونى ۋە سىمسىز تېلېفونىغا چېتىلغان ۋە ‹‹بىر تېلېفونغا ئىككى نومۇر ئىشلەتكەن›› ئالاقە قوراللىرىدىن 163 ى بىر تەرەپ قىلىندى، ھازىر بۇ مۇلازىمەت توختىدى. شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى توختىتىلغان ۋە ئېلىۋېتىلگەن شۇنداقلا شەخسلەر ئۆز خىراجىتىگە ئىشلىتىۋاتقان ‹‹كىچىك زېرەك››لەرگە تېلېفون بېرىپ تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، قايتا يۈز بەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شەھەر بويىچە ‹‹كىچىك زېرەك››نى باشقا تېلېفونغا چېتىش مۇلازىمىتىنى بىر تەرەپ قىلىش – بىر يىلدا شەھەرگە 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن خىراجەت چىقىمى تېجەپ بېرىپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
|