باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز شىمالىي شىنجاڭدا يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە
2008- 07- 14 11:07 شىنجاڭ گېزىتى

    يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شىمالىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدىكى يىلدا بىر قېتىم زىرائەت تېرىش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە كۈچەپ ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېرىقچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدىكەن.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا مۇنداق دېدى: شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، چوقۇم تېرىقچىلىق ئەندىزىسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش كېرەك. كۈن نۇرىنىڭ  چۈشۈش ۋاقتى ۋە ئۈنۈملۈك يىغىندا تېمپېراتۇرىدىن قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايدا يىلدا بىر قېتىم زىرائەت تېرىش ئۇسۇلىنى يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىشقا ئۆزگەرتىپ، تېرىقچىلىقنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ يەم – خەشەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت ياراتقىلى بولىدۇ.

    يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون شىمالىي شىنجاڭدىكى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى تەڭشەش، ئازايتىشنى قارار قىلدى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: پاختىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتا زۆرۈر بولغان سۇلياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىش، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىشتا ئاساسىي جەھەتتىن خىمىيىۋى ئوغۇتقا تايىنىلىدۇ، ئەگەر چارۋىچىلىق راۋاجلاندۇرۇلسا، ھەر يىلى قىغلارنى ئېتىزغا تۆكۈش ئارقىلىق، بىر قانچە يىلدىلا يەرنىڭ قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتقىلى ھەم يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى  بولىدۇ.

   ھازىر، بۇ ئەندىزە ئۈستىدىكى ئىزدىنىش يېزا ئىگىلىك 7 – شىسى، 8 – شىسىدا باشلاندى، قىسمەن جايلاردىكى ناھىيە، يېزا – بازارلاردا ئۇتۇقلۇق تەجرىبىلەر شەكىللەندى. مۇتەخەسسىسلەر: بۇ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تارىخىدىكى يېڭى ئىنقىلاب بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاشلىق ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەنئەنىۋى چوڭ ناھىيە گۇچۇڭ ناھىيىسى يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىش  ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ،  سەۋزە، كۆكپۇرچاق، سىلوس قونىقى قاتارلىق زىرائەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەكرار تېرىدى، شۇنىڭ بىلەن يەم – خەشەك ئومۇمىي مىقدارى ھەسسىلەپ ئېشىپ، دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى  تېز راۋاجلاندى. قۇتۇبى ناھىيىسى دەسلەپكى قەدەمدە يىلدا ئىككى قېتىم زىرائەت تېرىشنىڭ تەمىنى تېتىدى. شۇ جايدىكى بەزى دېھقانلار دەسلەپ بەرەڭگى تېرىپ، بەرەڭگىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، سىلۇس قونىقى تېرىدى، بۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى نوقۇل كېۋەز تېرىشتىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. يېتەرلىك يەم – خەشەك بولغاچقا، دېھقانلارنىڭ باقمىچىلىق ئىشلىرىمۇ تېزلا راۋاجلاندى. دېھقانلار مۇنداق دېيىشتى: ھازىر بىر قوي باقساق، بىر يىلدىن كېيىن تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندىمۇ، 600 – 700 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، بۇ بىر مو كېۋەزنىڭ قىممىتىگە باراۋەر كېلىدۇ. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ