باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز كېيىنكى بەش يىلدا كېۋەزلىك تېرىلغۇ كۆلىمىنى7مىليون مو كېمەيتىدۇ
2008- 07- 14 11:04 شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايون بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى 7 مىليون مو كېمەيتىدۇ، يەنە بەش يىل سەرپ قىلىپ ئومۇمىي كۆلەمنى 16 مىليون موغا چۈشۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك رايونىدا چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

   ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا چارۋىچىلىق ئاساسىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇلمىغان، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى بەك تېز كېڭەيتىلىپ زور سالماقنى ئىگىلەپ كەتكەن. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 27 مىليون موغا، مەھسۇلات مىقدارى 2 مىليون 900 مىڭ توننىغا يەتتى. ئىنچىكە ھېسابات قىلساق، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە بىر مو كېۋەزدىن 600 – 700 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، بىر مو يەرنىڭ يېرىمىغا بېدە، يېرىمىغا كۆممىقوناق تېرىسا، شۇ يەم – خەشەك بىلەن بەش قوينى باققىلى بولىدۇ، يېرىم تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە كىرىمنى 1000 يۈەنگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىپ، ئاشلىق ۋە يەم – خەشەك بولىدىغان زىرائەت كۆلىمىنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: قەتئىي نىيەتكە كېلىپ تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلدا ئىككى قېتىم تېرىلىدىغان ئاشلىق ۋە يەم – خەشەك زىرائەتلىرىنى كۆپلەپ تېرىغاندا، ئادەم يەيدىغان ئاشلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق يەم – خەشەك مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك رايونلىرىدا چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ