|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى توغرىسىدا (25)
جياڭسۇ شۈجۇ كانچىلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىستراتېگىيىلىك نەزەر بىلەن يىراقنى كۆزلەپ، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدە كۆمۈرچىلىك بازىسى قۇرماقچى بولدى. ھەممىمىزگە ئايان، ئالتاي بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرچە كېلىدۇ، قاتناش تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ. بۇ گۇرۇھ نېمە ئۈچۈن شۇنچە چوڭ بەدەل تۆلەشكە رازى؟ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لو شىن ئېنىقىنى ئېيتىپ: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قېزىلما بايلىقى ئىنتايىن مول، كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىناي دەپ قالدى، ئالتاي ۋىلايىتىدە ئوت ئېلېكتر تۈرىگە مەبلەغ سېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىشەنچىمىز كامىل، دېدى.
لو شىن تىلغا ئالغان كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريولى 468.8 كىلومېتىر بولۇپ، بۇلتۇر قۇرۇلۇش باشلانغان. كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريولى كېسىپ ئۆتۈدىغان قاراماي شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىق، قېزىلما بايلىق، نېفىت ۋە ساياھەت بايلىقى مول. لىنىيە پۈتكەندىن كېيىن، يەرلىكنىڭ قاتناش ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، رايون تەۋەلىكىدىكى قېزىلما بايلىق ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۆز رايون مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ.
كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلىش شتابىنىڭ باشلىقى خۇاڭ گۇاڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 55 يېڭى بازىرى، بېيتۇن شەھىرى، قاراماي قاتارلىق جايلاردىكى كارخانا ۋە باغچىلاشقان سانائەت رايونلىرىغا سەككىز تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيىسى تۇتاشتۇرۇپ بېرىش پىلانغا كىرگۈزۈلدى، لېكىن، ھازىرمۇ نۇرغۇن كارخانا كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريولى بىلەن مەخسۇس لىنىيە تۇتاشتۇرۇش توغرىسىدا كېڭەشمەكچى بولۇۋاتىدۇ، راستىنى ئېيتسام يىللىق ترانسپورت مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن ئاشىدىغان كارخانىلارنىڭلا تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيىسى ياساش سالاھىيىتى بولىدۇ.
ياسىلىۋاتقان بىر تۆمۈريولمۇ مۆلچەردىكىدەك ياخشى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن، ھازىر شىنجاڭدا ياسىلىۋاتقان، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان ۋە ياسىماقچى بولغان تۆمۈريول ئونغا يېتىدۇ، بۇ 30 يىل ئىلگىرىكىسىنىڭ ئومۇمىي سانىغا تەڭ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھازىر جىڭ – غۇلجا – قورغاس تۆمۈريولى، كۈيتۈڭ – بېيتۇن تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى – جىڭ تۆمۈريولى ئىككىنچى لىنىيىسى، تۇرپان – كورلا تۆمۈريولى ئىككىنچى لىنىيىسى، ئۈرۈمچى – شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى جىددىي ياسىلىۋاتىدۇ. بەش تۆمۈريولنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ياسىلىشى شىنجاڭ تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىش، 2009 –، 2010 – يىللىرى بۇ تۆمۈريوللار پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭدا قاتناش باشلانغان تۆمۈريول ئومۇمىي مۇساپىسى 4000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جيايۈگۇەن – ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريولىنى ئېلېكترلەشتۈرۈلگەن تۆمۈريول قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، قەشقەر – خوتەن تۆمۈريولى تۈرىدىمۇ يېقىندا ئىش باشلاندى.
2010 – يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا ئاسىياغا بىۋاسىتە بارىدىغان يەنى جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنى ياسىماقچى، بۇنىڭ ئىچىدە باشتا قازاقىستان تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇش پىلانلانغان جىڭ – غۇلجا – قورغاس تۆمۈريولىمۇ بار. ھازىر جۇڭگو – قىرغىزىستان – ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى باشلاندى، بۇ تۆمۈريول جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قەشقەر بېكىتىدىن باشلىنىدۇ، جۇڭگو – قىرغىزىستان چېگرىسىدىكى تورغات پورتىدىن ئۆتۈپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستانغا تۇتاشتۇرۇلىدۇ.
بىر – بىرىدىن چوڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇش تۈرلىرى مەملىكىتىمىز ۋە چەت ئەللەردىكى چوڭ كارخانا گۇرۇھلىرىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. تۆمۈريولدا قاتناش باشلانماي تۇرۇپلا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى كارخانىلار سودا پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى پەملەپ، تۆمۈريول بويىدىكى بايلىققا نەزەر تاشلاشقا باشلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈلگەن غەربىي رايون سودا يەرمەنكىسىدە كارخانىلارنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئىمزالىغان مەبلەغ سېلىش مۇددىئا كېلىشىمنامىسىنىڭ قىممىتىلا 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى ھەيران قالدۇردى، چۈنكى، بۇلتۇرقى سان بۇنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ تەڭ كەلمەيتتى.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدە مۇنداق پىلان لايىھىسىنى كۆردۈم: 2010 – يىلىغا بارغاندا شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىجارەت ئومۇمىي مۇساپىسى ھازىرقى 3000 كىلومېتىردىن 4000 كىلومېتىرغا، ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلاندا 7000 كىلومېتىرغا؛ ئېلېكترلەشتۈرۈلگەن تۆمۈريول يوقلۇقتىن 1500 كىلومېتىرغا؛ تاشقى ئېكسپورتقا مۇناسىۋەتلىك تۆمۈريول لىنىيىسى ئۈچكە يەتكۈزۈلىدۇ. شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تەرەققىياتىنىڭ كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىناقلىق سىمفونىيىسىنى ياڭرىتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمىز.
|