|
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ، 10 –ئىيۇل ، ئەڭ يېڭى جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى كۆرگەزمە قىلدى .
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : بۇ جاسۇسلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانى بۇلتۇر ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ ، بۇ ئايروپىلان يېقىندىن بۇيانقى ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ، ھازىر جامائەتچىلىك ئالدىدا يەنە بىر قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، بۇ جاسۇسلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانىنى ئىسرائىلىيە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى ئاخبارات توپلاش تېخنىكىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق جەڭ قىلىش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان . بۇ شىركەتتىكى بىر باياناتچىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئايروپىلانغا ئېنىقلىق دەرىجسى ئەڭ يۇقىرى ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئاخبارات توپلاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ، ھەر قانداق ھاۋا ئورۇشىدا كۆزلىگەن نىشانغا يەتكىلى بولىدىكەن .

ئىران 9 – ئىيۇل قۇيۇپ بەرگەن ‹‹ئاقار يۇلتۇز—3››تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان سىنارد
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتى شۇ كۈنى باشقۇرۇلىدىغان سىناردتىن 9 نى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەرگەن . قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان سىناردنىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ئاقار يۇلتۇز —3›› تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان سىناردمۇ بار . ئۇنىڭ مۇساپىسى 2000 كىلومېتىر بولۇپ ، ئىسرائىلىيە زېمىنى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى قاپلىيالايدىكەن .
|