|
30–ئىيۇلغىچە ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق باج كىرىمى 5 مىليارد 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.73 ئاشقان . كۆپەيگەن كىرىم 2 مىليارد 106 مىليون بولۇپ ، بۇ ئىدارىنىڭ 2007–يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق باج كىرىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئامبارغا كىرگۈزگەن يەرلىك خام چوت كىرىمى 1 مىليارد 488 مىليونغا يېتىپ ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.51 ئاشقان ھەمدە 7 مىليارد 110 مىليون يۈەن كىرىم كۆپەيگەن .
بۇ يىل ، تاشقى ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك تەرەققىياتى ۋە ئىچكى قىسىمدىكى باج يىغىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى تەسىرىدە ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باج مەنبەسىنى باشقۇرۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ ، قوشۇلما قىممەت بېجى بىلەن كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باج تۈرى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %68 ئاشقان ھەمدە قوشۇلما قىممەت بېجى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ ، كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ نىسبىتى تىز سۈرئەتتە يۇقىرىلاپ ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلەتلىك باج كىرىمىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەنگەن ھەمدە شەھىرىمىز باج كىرىمىنىڭ پۈتۈن يىل ئېشىشىدەك ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلغان .
|