|
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 9 – ئىيۇل قارار چىقىرىپ ، بەزى ئەزا دۆلەتلەردىن توغرا پايدىلانمىغان 400 مىليون ياۋرۇدىن ئارتۇق ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى پۇلىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنداق دېدى : مۇناسىۋەتلىك ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى پۇلىنى نازارەت قىلىش تەدبىرى يېتەرلىك بولمىغان ، بەزىلەر ھەتتا ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان .
ئىگىلىنىشچە . بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1995 – يىلدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ناتوغرا ئىشلەتكەن ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى پۇلىنى 28 – قېتىم تۆلىتىۋېلىشى ئىكەن . ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە ، فرانسىيە ، ئەنگىلىيە قاتارلىق توققۇز ئەزاسىدىن 410 مىليون ياۋرونى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان .
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى چىقىمى يىلدا 49 مىليارد ياۋرۇغا يېتىدۇ . بۇنىڭ بىر قىسمى تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان دېھقانچىلىق ياردەم پۇلى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|