|
ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 11مىليون 350 مىڭ موغا يەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىغان چارۋىچىلىق مەيدانى ئومۇمىي كۆلىمى 280 مىليون موغا يېتىپ، تەبئىي چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە ئوت – چۆپ يىغىۋىلىنىدىغان چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئوت – چۆپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %30 تىن %40كىچە تۆۋەنلەپ كەتكەن. 12مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا مالنى سىرتتا نورمال بېقىشقا ئامال بولمىغان. چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى 2 مىليون مو ئوتلاقنىڭ ئوت – چۆپ مىقدارىمۇ %50 كېمىيىپ، ئاپەت ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىر بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىيۇن كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھۆل – يېغىن مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتكەن. قىسىمەن رايونلاردا بىر قېتىممۇ يامغۇر ياغمىغان. بۇنىڭ بىلەن دەريا سۈيى ۋە سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇ مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بىر قىسىم دەريا سۇلىرىنىڭ مىقدارى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى سۇ مىقدارىدىن %80 تۆۋەنلەپ كەتكەن. شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قار بىلەن قاپلىنىش نسبىتى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30تىن %85كىچە ئازلاپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايلىق تېمىپىراتۇرىدىمۇ قۇرۇق ئىسسىق ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 62 ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ تېمپىراتۇرا كۆرسەتكۈچى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن كۆرنەرلىك يۇقىرى بولغان. تېمپىراتۇرىنىڭ تەسىرى، دەريادىن كېلىدىغان سۇ مەنبەسى، سۇ ئامبارلىرىدىكى سۇنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن، ئىيۇندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يامراپ، ئېغىرلىشىشقا باشلىغان.
ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانچلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ئالتە قېتىم مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزۈپ، 3ـ قېتىم جىددى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇردى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر سەپەرۋەر قىلىش ۋە دېھقان – چارۋىچىلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشتا ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇردى. 30 – ئىيۇنغىچە، ئاپتونوم رايون قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا 217مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئالاھىدە زور قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا بەرگەن 23مىليون يۈەن ياردەم پۇلى ئەمەلىيلىشىپ جايلارغا يەتكۈزۈلدى. ئاپەتكە ئۇچرىغان 22مىليون 116مىڭ 300مو كۆلەمدىكى يەر قايتىدىن سۇغىرىلىپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى.
|