|
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ، ئىش ئورنى بېرىش پائالىيىتى 7–ئاينىڭ 9–كۈنى ئۈرۈمچى ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى . ئادەتتىكى خادىم تەكلىپ قىلىش يىغىنلىرىغا ئوخشاشمايدىغىنى ، بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى سىچۈەن ، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا بولۇپ ، خادىم تەكلىپ قىلىدىغان 37 ئىدارە–ئورۇن ئۇلارغا ھەر قايسى جەھەتلەردە ئېتىبار بەردى . تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قىزغىن كەيپىيات بولدى .
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئۈرۈمچى ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، ئۈرۈمچى ئىختىساس ئىگىلىرى بازىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ، شىخەنزە ، سانجى قاتارلىق جايلاردىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ، 1 مىڭ 255 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسى سىچۈەن ، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا ئىكەن . يۇرتى ئاپەتكە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتىشقا ئامالسىز قالغان . بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى– بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل كۈنلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس ھازىرلاشتىن ئىبارەت ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە، خادىم تەكلىپ قىلىدىغان 37 ئىدارە–ئورۇن ئىچىدە 27 ئورۇن 404 ئادەم تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغاندىن باشقا ، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىي جەمئىيىتى قاتارلىق 10 ئورۇن خادىم تەكلىپ قىلىش سان چېكىنى بېكىتمىگەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىجارەت ۋە مۇلازىمەت قىلىشىغا ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى %80تىن كۆپرەكنى ئىگىلىگەن . جۇڭگو‹‹ سامانيولى›› ئاكسىيە چەكلىك پاي شىركىتى ئۈرۈمچى شىمالىي ئازادلىق يولى ئاكسىيە تىجارەت ئورنى تىجارەت ۋە مالىيە باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جاڭ يىلىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹شىركىتىمىز بۇ قېتىم تەسىس قىلغان ئىش ئورۇنلىرى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن بولۇپ ، تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تەربىيىلەشكە قاتناشقاندىن كېيىن ، ئاكسىيە كەسپىنى بېجىرىشكە ياردەملەشسە بولىدۇ . بۇ ئارقىلىق ئۇلار بەلگىلىك كىرىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي ، تېخىمۇ مۇھىمى چىنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ . دۆلەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلق ئۈچۈن بىر ئاز ئىش قىلىپ بېرەلىسەك تولىمۇ خوشال بولىمىز››
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى چېڭ مېڭنىڭ ئائىلىسى شەنشى ئۆلكىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا بولۇپ ، بۇ قېتىم ئۇ كەررىفور تاللا بازىرىنىڭ سۇجۇ يولى دۇكىنىنىڭ پۇل يىغىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىندى . ئۇ خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹تەتىلدىن ئىلگىرى ، پىراكتىكا قىلىدىغان ئورۇن تېپىش ئۈچۈن تىرىشقان بولساممۇ، مۇۋاپىق بىرەر ئورۇن تاپالمىدىم. بۇ قېتىمقى ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، ئىش ئورنى بېرىش پائالىيىتى بىزنى نۇرغۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى . مەن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ ، كۆپچىلىكنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان غەمخورلۇقىنى ئاقلايمەن›› .
سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى مۇدىرى چېڭ پېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىش ، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى . بۇ قېتىم ، ھۆكۈمەت يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ ، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تىزدىن ئىش ئورنى تېپىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى . بۇئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلققە بېرىلگەن كۈچلۈك ياردەم ھىساپلىنىدۇ . مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھمەت ئېيتىمەن›› .
|