|
ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى چارۋىچىلىق كەسپىنى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش››تىن ئىبارەت ئىككى نىشاننى چىڭ ئىگىلەپ، كالا، قوي گۆشى، سۈت تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئىنچىكە قوي يۇڭى، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم قاتارلىق بەش چوڭ كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، سەككىز يىل ئىچىدە يەنى ‹‹12 – بەش يىللىق›› پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى بىر قاتلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە سىرتقا يۈزلەنگەن پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېكىسپورت قىلىش بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.
بۇ نىشاننى تېزراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون چارۋىچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو يەردە قوغدىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئوتلاق بەرپا قىلىش؛ دېھقانچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو يەردە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاراكتېرىدىكى ئوت – چۆپ بازىسى بەرپا قىلىش؛ چارۋچىلىق رايونلىرىدا 10 مىليون مو يەردە ئېچىش خاراكتېرلىك سۈنئىي ئوتلاق بەرپا قىلىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئازايتىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چارۋچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، داڭلىق، ئالاھىدە چارۋچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، نۆۋەتتە بار بولغان بىر قىسىم داڭلىق ماركىلارنى تېخىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مەملىكەتتە تەسىر كۈچكە ئىگە بىر قىسىم داڭلىق ماركىلارنى يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىسادىي بەلباغ ۋە ئىلى، تارغاباتاي، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم نەسىللىك كالا، قوي گۆشى، سۈت قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلىرى مەركەزلەشكەن، شۇڭا ئاپتونوم رايون ئوتتۇرا، غەربىي ئاسيا، جەنۇبى ئاسىيا ھەتتاكى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹12 –بەش يىللىق›› پىلان مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاشۇرۇش شەكلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، چارۋچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاۋارلىشىش نىسبىتىنى %90 كە، ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش نىسبىتىنى %40 كە يەتكۈزۈپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ چارۋىچىلىقتىن كىرىدىغان يىللىق كىرىمىنىڭ 200 يۈەندىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
|