باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى
2008- 07- 11 12:28 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     ئاشلىق سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلاندى. ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى.

     بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاۋۋال ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارغا بىۋاستە تولۇقلىما بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەي گۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: بۇغداي تېرىغان دېھقانلارغا يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال بىۋاستە تولۇقلىما ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى بۇرۇنقى ھەر بىر مو يەردىكى بۇغدايغا قاراپ بېرىلىدىغان 31 يۈەندىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتا 97 يۈەنگە، باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا 94 يۈەنگە ئۆستۈردۇق، بۇغداي باھاسىغا بىۋاستە تولۇقلىما ياردەم بەرگەندىن باشقا، بۇلتۇرقى سىياسەتنى داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز، يەنى دېھقانلارنىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش كارخانىلىرىغا سېتىپ بەرگەن تاۋار ئاشلىق مىقدارىنىڭ ھەر بىر كىلوگرامىغا ئىككى مودىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشكارا سېتىۋېلىنىدۇ، گۈرۈچنىڭ ھەر بىر كىلوگرامىغا ئۈچ مودىن تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاشلىق سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈردى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنجۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئاشلىق سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن پايدىلانما باھاسىنى ئۆستۈردى، بۇغداينىڭكى 1.54 يۈەنگە، جىڭداۋ شېلىنىڭكى 1.64 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە، بۇغداينىڭ باھاسى بۇلتۇرقىدىن 20.3 پىرسەنت ئۆستۈرۈلدى.

     ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يەنە بۇغداينىڭ ئەلا سورتىغا بېرىلىدىغان 60 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ۋە شالنىڭ ئەلا سورتىدىغا بېرىلىدىغان 10 مىليون 220 مىڭ يۈەن تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، تولۇقلىما ياردەم بېرىش دائىرىسى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 16 ناھىيە، شەھەرنى قاپلايدۇ، يىلىغا تولۇقلىما ياردەم بېرىلىدىغان كۆلەم 20 مىليون موغا يېتىدۇ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى ئۈچۈن 215 مىليون يۈەن تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇقلىما ياردەم بېرىش كۆلىمىنى بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن ئاشۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جيەنجۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنى نەپكە ئېرىشتۈرىدىغان بۇ بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، كومىتېتىمىزنىڭ بۇغداي تېرىقچىلىقى تەننەرخى ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىقچىلىقىدىن قىلىدىغان مو بېشى كىرىمى 311 يۈەن ئەتراپىغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 110 يۈەن ئاشىدىكەندەك قىلىدۇ. 

 

 

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ