|
تۈنۈگۈن (10–ئىيۇل) ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول شۆبە ئەترىتى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار ترانسپورتىنى بىر كۈن مەركەزلىك تەرتىپكە سالدى .
مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول شۆبە ئەترىتى ، ئۈرۈمچى قىبلىتاغ چوڭ ئەترىتى تەۋەلىك رايونىدىكى دىۋوپو ھەق يىغىش پونكىتىدا ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنى توشۇپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنى بىر–بىرلەپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردى . ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول شۆبە ئەترىتى ئۈرۈمچى قىبلىتاغ چوڭ ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى تيەن دۇڭ مۇنداق دېدى :‹‹ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئاسمىغان باكسىمان ئاپتوموبىللار ، باكقا قاچىلانغان ماددىي بۇيۇملارنى توشۇپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى نوقتىلىق تەكشۈرۈۋاتىمىز . خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى توشۇپ ماڭغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى بەلگىلەنگەن تىزلىكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش ، تۆۋەن سۈرئەتتە ھەيدەپ يول ئېگىلىۋېلىش ، ئاپتوموبىللارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توختىتىش قاتارلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى نوقتىلىق تەرتىپكە سېلىۋاتىمىز . خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنى توشۇپ ماڭغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ بەلگىمىلىگە خىلاپ قىلمىشى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن 24 سائەت ئىچىدە تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز›› .
تەكشۈرۈش جەريانىدا ، شىنجاڭ ‹‹مېيچېن›› يېقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر ئوتتۇرا تىپلىق ترانسپورت ئاپتوموبىلى ئۆت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى بولمىغان ۋە يۈكنى نۇرمىدىن ئاشۇرۇپ باسقان ئەھۋالدا ، سۈيۈقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان باكنى توشۇپ ماڭغان. قاتناش ساقچىسى ئالدىن بەلگىلەنگەن بەلگىمە بويىچە دەرھال چارە كۆردى. شىنجاڭ ‹‹مېيچېن›› يىقىلغۇ گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل خادىمى جاۋ جوفۇ مۇنداق دېدى:‹‹بۇنىڭدىن بىز چوڭقۇر تەربىيە ۋە ساۋاق ئالدۇق . بۇنىڭدىن كېيىن ، خەتەرلىك خىمىيىۋىي بويۇملارنى توشۇش خىزمىتىدە ، بىز كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قائىدە - بەلگىمىلىلەرگە قەتئىي رىئايە قىلىمىز›› .
|