باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
خەلقئارا خەۋەرلەر
2008- 07- 11 12:11 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      روسىيە دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى سېرگىي كېسلىياك 10 – ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ روسىيە تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە قاتتىق پوزىتسىيىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى توغرىسىدىكى باياناتى ئەمەلىي ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەكلىپىنى تېخنىكا جەھەتتە يولغا قويۇشقا بولسىمۇ، ئەمما، روسىيە تەرەپ بۇ تەكلىپنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى ۋاقتىنچە چۈشەنمەيدۇ›› .  

    .روسىيە ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10 – ئىيۇل ئۆزبېكىستاندىكى بىر قورال– ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كېلىپ چىققان .

     .كورىيە بىلىم ۋە ئىقتىساد مىنىستىرلىكى 10 – ئىيۇل سىئولدا يېڭى يۇمشاق دىتال ئىستىراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 2012–يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى 3 تىرىليون 500 مىليارد كورىيە ۋونى (تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) مەبلەغ سېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

     ·رېيتىر ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پولشانىڭ باش ۋەزىرى كەلگۈسى 2 ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما، ئۇ يەنە مۇنداق دىگەن: ‹‹مەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان باھا تالىشىش كۆرىشى ئېلىپ بارمايمەن. چۈنكى، كېلىشىم توغرىسىدا ئۆزۈمنىڭ پىلانى بار›› .

     ·چاۋشيەندە چىقىدىغان ‹‹ئەمگەك خەۋەرلىرى گېزىتى››نىڭ 10 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جىڭرى يېقىندا پيوڭئان–بۇكدو يېزىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: ‹‹يېزا قۇرۇلۇشى— مۇھىم بولغان ئىنقىلابىي ۋەزىپە بولۇپ، يېزىلارنى زامانىۋى تېخنىكىغا ئىگە بولغان، بېيىغان، مەدەنىي بولغان سوتسىيالىستىك مەدەنىي يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەد قىلىدۇ›› .

     .تايلاندنىڭ دېپلۇماتىيە مىنىستىرى نوبادوم 10– ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

     .تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان 10– ئىيۇل ئىراق پايتەختى باغداتقا يېتىپ بېرىپ، ئىراقتىكى زىيارىتىنى باشلىدى. ئىراق زۇڭلىسى مالىك ئايرودرومغا بېرىپ، ئۇنى كۈتىۋالدى .

     .چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ھەربىي تەرەپ 10 – ئىيۇل ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ پانمونجۇم ئورتاق مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈردى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ