باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونلۇق 2008- يىللىق قانۇنسىز ھالدا بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى چاقىرىلدى
2008- 07- 11 12:08 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى

     10-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايون 2008–يىللىق قانۇنسىز بۇلغىما قويۇپ بەرگەن كارخانىلارنى رەتكە سېلىپ ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ، مۇھىت ئاسراش مەخسۇس ھەرىكىتى بويىچە تېلېۋىزىيە–تېلېفون يىغىنى ئېچىپ ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان كەسپلەر ۋە نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئوتتۇرىغا قويدى .

     ئۈچ يىلدىن بۇيان ۋېۋىسكا ئېسىپ ، نازارەتچىلىك قىلىشقا بۇيرۇلغان مۇھىت ئاسراش قانۇنىغا خىلاپ دېلولار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تۈزەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان كارخانىلار بىردەك ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىدۇ . ئېرتىش دەرياسى ، ئىلى دەرياسى ، باغراش كۆلى ، شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريالار ۋە نوپۇس توپلاشقان رايونلارغا قارىتا نۇقتىلىق تۈزەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۇقتىلىق ۋادا رايونلىرى ۋە رايونلاردا يېڭىدىن ئىش باشلانغان ۋە كېڭەيتىپ قۇرۇلغان سانائەت تۈرلىرىنىڭ كېرەكسىز گاز ، كېرەكسىز سۇ قاتارلىقلاردىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلمىغان ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان بولسا ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشتىن توختىتىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شەھەر–بازارلاردىكى پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى ۋە ئەخلەت كۆمۈش مەيدانلىرىغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بارىدۇ.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى .

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ