|
.مۇخبىرنىڭ 10 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى ئۆتكۈزگەن 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تور مەدەنىيىتى يەرمەنكىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 6–نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا تور مەدەنىيىتى يەرمەنكىسى 10–ئاينىڭ 23–كۈنىدىن 26–كۈنىگىچە بېيجىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن ، نۆۋەتتە تور مەدەنىيىتى يەرمەنكىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان.
.دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ 10 – ئىيۇن ئىراننىڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئېلىمىز تەرەپنىڭ ئالاقىدار ۋەزىيەت ئۆزگۈرۈشىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
·مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە، تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا بىرلىشىپ ‹‹2008–يىللىق ئەرزان ئىجارىلىق تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتى پىلانى›› نى تارقىتىپ، 2008–يىللىق ئەرزان ئىجارىلىق تۇرالغۇ ئۆي خىزمىتىنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە سىياسەت، تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ھەر قايسى ئۆلكە، رايون، شەھەرلەرگە چۈشۈرگەن.
·خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى 10 – ئىيۇل ئوقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ يەر تەۋەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا پۇل، ماددىي بويۇم ئىئانە قىلغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
·تاموژنا باش مەھكىمىىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت–ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 1 ترىليون 234 مىليارد 170 مىليون ئامېىركا دوللىرىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكىسپورت ئومۇمىي قىممىتى 666 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، %21.9 ئاشقان.
.پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جۇ يوڭكاڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا سودان قۇرۇلتاي پارتىيىسىنىڭ تاشقى ئىشلار شۇجىسى، زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى ئىسمېر باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي پارتىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
|