|

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن 10 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي ئاخبارات مەركىزى، خەلقئارا رادىئو مەركىزى ۋە 2008– يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ئاخبارات مەركىزىدە خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:‹‹ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، تىنچلىق›› تىن ئىبارەت ئولىمپىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹يېشىل، پەن–تېخنىكىلىق، خەلقچىل ئولىمپىك››ئېڭىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ‹‹ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئارزۇ›› دېگەن بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ شۇئارىنى ياڭرىتىپ، يۇقىرى سەۋىيىدىكى، ئۆزگىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيا خەلقىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك .

|